تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تومۇز ئىسسىق | @ «قورساققا ئامراقلار»غا شىنجاڭنىڭ ياز پەسلىدىكى مەززىلىك سوغۇق تائاملىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز

تومۇز مەۋسۇمىنىڭ يېتىپ كېلىشى 

كۆپ ھاللاردا «دۈملىنىپ پىشىپ قېلىش ئەندىزىسى»نىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

ھەرخىل ئېسىل تەملەرنىڭ بولۇشى بىر خۇشاللىق بولۇپ

 ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەززىلىك سوغۇق تائاملار كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان تائام بولۇپ قالىدۇ

مەززىلىك تائاملاردىن سالقىنلىق ۋە مەززىلىك تەمنى ھېس قىلىش بىلەن تەڭ تۇرمۇشنىڭ قىزغىنلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ 

بۈگۈن، ھەربىر «قورساققا ئامراقلار»غا

سوغۇق، مۇزدەك، ئاچچىق ـ چۈچۈك، ئىشتىھانى ئاچىدىغان شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىپ 

سىزدىكى «ئىسسىق»نى ياندۇرىمىز 

كاۋاس: كەچلىك بازاردا ھەربىر ئۈستەلگە چوقۇم ھازىرلىنىدىغان «يەرلىك پىۋا»، ئەمما كۆپ ئىچىۋالماڭ 

كاۋاس شىنجاڭنىڭ ئىسپىرتسىز ھەسەل تەملىك «پىۋا»سى 

ئىچىملىك كەھرىۋا رەڭگىدە بولۇپ، ئازراق دۇغى ۋە چۆكمىسى بار 

گازلىق، كۆپۈكى كۆپ، تەمى چۈچۈمەل، تاتلىق، سوغۇق، تېتېملىق 

 ئازراق قۇلماق خۇشپۇرىقى قوشۇلغان بولۇپ

شىنجاڭدىكى كەچلىك بازارلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى ھېسابلىنىدۇ

پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە 

بىر ئىستاكان مۇزدەك كاۋاس ئىچىۋالسىڭىز 

كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ ھەم سالقىندايسىز

مارۇژنا: ئىسمى رۇسچە، پۈتۈنلەي قولدا تەييارلىنىدۇ

چۆچەكتە 

يازدا چوقۇم يېيىلىدىغان يېمەكلىك ساپ سۈت ۋە تۇخۇمدىن تەييارلانغان مارۇژنىدۇر 

رەڭگى سېرىق بولۇپ، بىر چىشلىسىڭىزلا سالقىنلىق ھىس قىلىپلا قالماي 

قويۇق سۈت پۇرىقى ۋە تۇخۇمنىڭ مەززىلىك تەمى

 شۇ ھامان ئېغىزىڭىزغا تارايدۇ

يېيىشنى بىلىدىغان دوستلار يەنە مارۇژنا ئۈستىگە ھەر خىل مېۋە مۇرابباسى ۋە قېتىق قوشۇپ 

چۈچۈمەل قىلىپ، مارۇژنىنى تېخىمۇ تەملىك قىلىپ يەيدۇ 

بىر كىشىلىك يېسىڭىز، ياز پەسلىنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىنى ئۇنتۇيسىز 

شۆخۇالياڭ: شىنجاڭلىقلار بالىلىق چاغلىرىدا يېگەن تەم 

شۆخۇالياڭ، ئىسمىدىنلا 

ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان سالقىنلىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ 

ئاق شېكەر، ئاق ناۋات، سېرىق ناۋات ۋە سۇ ئۇنىڭ بارلىق خام ئەشياسى 

ئۇنىڭ ياسىلىشىمۇ بەك ئاددىي بولۇپ 

بارلىق خام ئەشيالارغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق مۇز بىلەن سۇ ئارىلاشقان سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىنىدۇ 

شۆخۇالياڭ كۆپۈشۈپ تۇرىدىغان، يۇمشاق، تاتلىق ۋە سوغۇق بولۇپ

سۈزۈك لىمون سېرىقى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ 

قويۇق مېۋە ھىدى ھاۋاغا كەڭ تارايدۇ 

پىژغىرىم ياز كۈنلىرى بىر يۇتۇم ئىچسىڭىز

ئىچ-ئىچىڭىزدىن مۇزدەك سالقىنلىق ھىس قىلىسىز

يالپۇز چېيى: قويۇق سالقىنلىق ھېس تۇيغۇسى  

بەزىلەر «شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىككى ئاشقازىنى بار»  

بىرى چاي قاچىلايدىغان ئاشقازان، دېيىشىدۇ 

تومۇز كۈنلىرىدە، يالپۇز چېيى كەم بولسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە 

بىر يۇتۇم ئىچسىڭىز، قىشنىڭ سوغۇق شامىلى تىلىڭىزغا تەگكەندەك ھېس قىلىسىز

ئالدىرىماي ئىچكىنىڭىزدە ياۋا گۈل شىرنىسىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس تاتلىق تەمىنى تېتالايسىز 

مانا بۇ يالپۇز چېيى 

يالپۇز تەمىنىڭ قويۇق بولۇش-بولماسلىقى چەينەكتىكى يالپۇز يوپۇرمىقىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە باغلىق 

ئەگەر يالپۇز تەمى بەك كۈچلۈك دەپ قارىسىڭىز 

دۇكاندار سەمىمىيلىك بىلەن سىزگە بىر ئىستاكان ھەسەل ئەكىلىپ بېرىدۇ  

راڭپىزا: ئاچچىق-چۈچۈك، سىلىق، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ

راڭپىزا ئاتالغۇسى دۆلەت تىلىمىزدىكى «凉皮»دىن كەلگەن

شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سۆزنىڭ كەينىگە «» قوشۇپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ

شۇڭا تەلەپپۇزدا بۇ راڭپىزا بولۇپ قالغان 

شىنجاڭدا، شىخەنزە راڭپىزىسى مۇتلەق «c ئورۇن»دا تۇرىدۇ 

شىخەنزە راڭپىزىسى بۇ شەھەردە قالدۇرىدىغان تەم سەزگۈ خاتىرىسىدۇر 

شىخەنزىگە بېرىپ

يەرلىك كىشىلەردىن مەززىلىك تائاملارنى تەۋسىيە قىلىشنى سورىسىڭىز

ئۇلار چوقۇم: راڭپىزا يېدىڭىزمۇ؟ دەپ سورايدۇ

شىخەنزە «راڭپىزا كوچىسى»نى چوقۇم بېرىپ ئايلىنىڭ 

باماۋ راڭپىزىسى، بەيجيا راڭپىزىسى، يۆيۆ راڭپىزىسى قاتارلىق راڭپىزا دۇكانلىرى مۇشۇ يەرگە توپلاشقان 

ھەر بىر راڭپىزا دۇكىنىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ۋە تەمى بار 

سېرىقئاش كاۋاپ: سوغۇق بىلەن ئىسسىقنىڭ ئەڭ ياخشى بىرىكمىسى 

بىر تەخسە سېرىقئاش كاۋاپ 

ھەم چۈچۈمەل ھەم ئاچچىق، ھەم مەززىلىك ھەم سوغۇق 

شىنجاڭ سوغۇق چۆپى يەنە «سېرىقئاش» دەپ ئاتىلىدۇ 

ئۇنىڭ رەڭگى سېرىق بولغاچقا 

سېرىقئاش دەپ ئاتالغان 

سېرىقئاش ئۈستىگە يېڭىلا قازاندىن چىققان مەززىلىك قورۇلغان كاۋاپ بىلەن 

يېڭى خاڭگا قەلەمچىسىنى سېلىۋەتسە

مەززىلىك تائام بولغان سېرىقئاش كاۋاپ تەييار بولىدۇ 

شىنجاڭنىڭ ياز پەسلىدە 

چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە سېرىقئاش كاۋاپ يايمىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ

ئادەتتە سېرىقئاش كاۋاپ 

بىر قەدەر ئەرزان قولاي تاماق ھېسابلىنىدۇ 

جياۋماجى: كاۋاۋىچىن تەمى تىلىڭىزنى قورۇسا، ئاچچىق تەمى پىشانىڭىزدىن تەر ئاققۇزۇۋېتىدۇ 

شىنجاڭدا، جياۋماجى بىلەن باشقا توخۇ قورۇمىلىرىنى يېيىش ئۇسۇلىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق شۇكى 

جياۋماجىنى تىتىپ يەيمىز 

تىتىپ يېگەندە گۆش تېخىمۇ يۇمشاق بولىدۇ 

شورپىسى گۆشكە تولۇق سىڭىپ

يېسە تېخىمۇ مەززىلىك

بۇ خىل يېيىش ئۇسۇلى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق، خۇشال خاراكتېرىگە ماسلاشقان 

«ئالاھىدە ئوخشىغان» بىر تەخسە جياۋماجىدىكى كاۋاۋىچىننىڭ تىلنى قورۇش تەمى ئاساسىي تەم بولۇپ

تىلنى قورۇسىمۇ لېكىن بىزار قىلمايدۇ، ئاچچىق تەمگە يەنە خۇشپۇراق تاتلىق تەم سىڭگەن 

مور، چيەنيې دۇفۇ، ليەنئوۋ،خاڭگا قەلەمچىسى قاتارلىقلار قوشۇلىدۇ ... 

بۇ بىر تەخسە مەززىلىك تائام چەكسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە  

پىياز-لازا-شوخلا سوغۇق سېيى: ئىشتىھا ئېچىشتا چوقۇم بۇيرۇتۇلىدۇ، تاماق ئۈستىلىدىكى ھەممىگە ماس كېلىدۇ

​شىنجاڭدا 

ئىشتىھانى ئاچىدىغان سوغۇق سەيگە چوقۇم پىياز-لازا-شوخلا(پىلاخۇڭ) سوغۇق سېيى تاللىنىلىدۇ

پىياز-لازا-شوخلا سوغۇق سېيى شىنجاڭنىڭ بىر خىل خاس سوغۇق سېيى بولۇپ، 

ئىشتىھانى ئېچىش، كۆڭۈلگە تەگمەسلىك، ماينى سىيرىش ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ

ئىسمىدىنلا قانداق سوغۇق سەي ئىكەنلىكىنى ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدۇ 

شىنجاڭلىقلار باش پىيازنى «پىياز» دەپ ئاتايدۇ 

ئۇنىڭغا شوخلا، لازا قوشۇلىدۇ 

مەيلى كەچلىك بازاردىكى يايمىلار، ياكى مېھمانساراينىڭ تاماق ئۈستىلىدە بولسۇن 

پىياز-لازا-شوخلا سوغۇق سېيى چوقۇم چىقىرىلىدۇ 

چۈنكى ئۇنىڭ ھەممىگە ماس كېلىدىغان «خۇسۇسىيىتى» مېھمانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن 

قېتىق دوغاپ: ئۇنى سېتىۋالسىڭىز يەنە «سېرك ئويۇنى»نى كۆرەلەيسىز 

قېتىق دوغاپ شىنجاڭدا «ساراڭ دوغ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ 

دوغاپ پىچىقى بىلەن 

يېرىم چىنە مۇز پارچىسى قىرىپ ئېلىنىپ، قېتىق، قىيام، مېۋە مۇرابباسى قوشۇلىدۇ 

ئاندىن دوغچىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن تەڭشىشى ئارقىلىق 

مۇز پارچىسى بىلەن قېتىق تولۇق ئارىلىشىپ 

 بىر قاچا ساپ قېتىق دوغاپ تەييار بولىدۇ 

بىر يۇتۇم ئىچىسىڭىز تاتلىق، مۇزدەك، چۈچۈمەل تەمدىن قالتىس راھەتلىنىسىز

بۇ، يازنى ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ئىچىملىكتۇر 

پىلانلىغۇچى: لو لىڭ 

ماقالىسى: ۋېي جياڭتاۋ 

سۈرەت ئىشلىگۈچى: لى نا 

(خام ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ياخشى جاي ئاممىۋى سۇپىسى، شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى قاتارلىقلار) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.