تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

@ خىزمەت ئىزدەۋاتقان سىز، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تۆت ساھەگە توردا خادىم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدانى كەلدى

​مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، 100 كۈندە 10 مىليون ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېڭى ئېنېرگىيەسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، زەنجىرسىمان تىجارەت، رەقەملىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىن ئىبارەت تۆت ساھەگە توردا خادىم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدانى يولغا قويۇلۇپ، تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى 1 مىليون 260 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە:

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسى مەخسۇس مەيدانى ئېلېكتىر ئىنژېنېرى، توكچى قاتارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سەھەسى مەخسۇس مەيدانى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كوللېكتىپى مەسئۇلى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىنژېنېرى، ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىنژېنېرى، كەسپىي تەرەققىيات ئالىي دىرېكتورى قاتارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

زەنجىرسىمان تىجارەت ساھەسى مەخسۇس مەيدانى تىجارەت، سانلىق مەلۇمات ئانالىزى، مالىيە، كادىرلار ئىشلىرى، سېتىۋېلىش قاتارلىق 52 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى 510 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

رەقەملىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى مەخسۇس مەيدانى ئاپتوماتىك كونتىرول قىلىش ئىنژېنېرى، سۈپەت ئىنژېنېرى، تور ئىنژېنېرى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، تەكشىلىك لايىھەلىگۈچىسى، ماركا باشقۇرۇش، رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو تېببىي دورا، باتارېيە ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېشىل تالا قاتارلىق ساھەلەر مەخسۇس مەيدانى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر مەخسۇس مەيدانى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىش ئورنىغا يېتەكلەش پائالىيىتىدىن 18 مەيدان ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي 6755 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر جۇڭگو ئاممىۋى تەكلىپ قىلىش تورى، جۇڭگو دۆلەت ئىختىساسلىقلار تورى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لىنىيەسى مەخسۇس ھەرىكىتى ئاساسىي يىغىن مەيدانى بېتى ئارقىلىق بىۋاسىتە كەسپىي تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدانىغا كىرسە بولىدۇ.

(مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: لى شىن، جاڭ چيەنچيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.