تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تېزدىن كۆرۈڭلار! خىزمەت ئىستاژىنى بېكىتىش ئارخىپى يىتىپ كەتسە مۇشۇنداق تولۇقلاپ بېجىرسە بولىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ) «پېنسىيەگە چىقىشىمغا ئاز قالدى، خىزمەت ئىستاژىمنى بېكىتىشىم كېرەك، لېكىن ئارخىپنى تاپالمىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟» يېقىندا، كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بىرەيلەن خىزمەت ئىستاژىنى بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئارخىپنى يىتتۈرۈپ قويسا قانداق تولۇقلاپ بېجىرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ ھەقتە تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

  ​ئالدى بىلەن تولۇقلاپ بېجىرگۈچىلەر خىزمەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۇناسىپ ئورۇنغا بېرىپ تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

  ئىدارە تەكلىپ قىلىپ قوبۇل قىلغان بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارخىپخانا (ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ئەنجۈ جەنۇبىي يولى 58-نومۇر) ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا (ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى تېيەنئېخۇ يولى بىلەن ۋېيتەي جەنۇبىي يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن شەرققە قاراپ ماڭىسىز، شياۋلۈگۇ ئەتراپىدا)غا بېرىپ، شۇ يىلى ئەمگەك كاپالىتى تارمىقى ياكى كادىرلار تارماقلىرى تەستىقلىغان ئىشچى قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى ئىزدىسە بولىدۇ.

  ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزۈپ تەقسىم قىلىنغان بولسا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرغان ئورۇنغا بېرىپ (ئىدارىسى يوقلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاساسلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ) سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى «تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى»نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەۋە بولسا، ئارمىيەگە قوبۇل قىلىنغان جايدىكى خەلق قوراللىق بۆلۈمى (ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى) «قايسى يىلى، قايسى ئايدا ئارمىيەگە كىرىشنى تەستىقلىغان»لىق ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە شۇ يىللىق يېڭى ئەسكەرلەر تىزىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (تامغا بېسىلىشى كېرەك)نى قوشۇپ بەرگەندىن سىرت، يەنە ئالاقىدار تارماقلار «قايسى يىلى، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن»لىك ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

  2009-يىلىدىن بۇرۇن ئارمىيەدىن چېكىنگەن، ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «قايسى يىلى، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن»لىك ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

  2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئارمىيەدىن چېكىنگەن، ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «قايسى يىلى، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن»لىك ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

   2011-يىلىدىن كېيىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەرگە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «قايسى يىلى، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن»لىك ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

  ئاندىن، تولۇقلاپ بېجىرگۈچىلەر ئىدارىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى شۇنداقلا خىزمەت ئىستاژىنى توغرا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان دەسلەپكى ئىسپات، كىنىشكا (مەسىلەن: مائاش جەدۋىلى، يوقلىما جەدۋىلى، خىزمەت كىنىشكىسى، تەقدىرنامە، شەرەپ گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار)نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مائاش جەدۋىلىنىڭ ھەر يىلىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدىكى بىر ئايلىق نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تولۇقلاپ بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنى «قايسى يىلى، قايسى ئايدا، قايسى سەۋەب بىلەن خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان»لىق ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنى ھازىر مەۋجۇت بولمىسا، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى قوشۇۋالغۇچى تەرەپ چىقىرىپ بەرسە بولىدۇ.

  ئالاقىدار خادىملار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئالدامچىلىق قىلىش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋالغان سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.