تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قۇملۇقتىكى ئەتلەس كۆرگەزمىسى! ئېسىللىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى!

قۇملۇق ۋە كۆك ئاسمان

ماميەن يوپكىسى بىلەن ئەتلەس، جۇڭگو ئۇسلۇبى بىلەن قاشتېشى

...

7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12 لەردە

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك بازىرىدىكى

تەكلىماكان قۇملۇقى مەنزىرە تاماشا سۇپىسى ئالدىدا

مودېللار خوتەن قاشتېشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېسىپ

يىپەك ئەتلەستىن تىكىلگەن مودا كىيىملەرنى كىيىپ

كۆك ئاسمان ھۆسن قوشۇپ تۇرغان قۇملۇقتىن مېڭىپ كەلدى

  14-نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ۋە 2024-يىللىق خوتەن ۋىلايىتى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «قاشتېشى كەبى ساھىبجامال —— خوتەن قاشتېشى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر كۇەيشەن كۆرگەزمىسى» گۇما ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. «بىز قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمى ئۈچۈن سەككىز مەيدان چوڭ كۆرگەزمە تەييارلىدۇق، خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىمىز، گۇما ناھىيەسى بىزنىڭ 4-بېكىتىمىز» دېدى كۇەيشەن كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مەسئۇلى، خوتەن قەدىمىي يولى كوئېنلۇن مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما شىڭ.

  بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان كىيىم-كېچەك ئەسەرلىرى

  «دۆلەت مودا ئېقىمى» «دۆلەت ئۇسلۇبى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ

  ئەتلەس ھۈنەر-سەنئىتى

  جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرى زامانىۋى لايىھەلەش ئىدىيەسى بىلەن ئەپچىل يۇغۇرۇلۇپ

  ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىندى

  بۇ قېتىمقى كۇەيشەن كۆرگەزمە پائالىيىتىدە

  خوتەن ۋىلايىتىدىكى بەش لايىھەلىگۈچى

  ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆت لايىھەلىگۈچى يېڭىدىن لايىھەلىگەن

  60 يۈرۈش يىپەك ئەتلەستىن تەييارلانغان كىيىم-كېچەكلەرگە

  نەپىس خوتەن قاشتېشى زىننەت بۇيۇملىرى ماسلاشتۇرۇلۇپ نامايان قىلىندى

    14-نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ھەم 2024-يىللىق خوتەن ۋىلايىتى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «قاشتېشى كەبى ساھىبجامال —— خوتەن قاشتېشى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر كۇەيشەن كۆرگەزمىسى» خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ يەر بەلگىسى ئورۇنلىرىدا نامايان قىلىندى.

ما شىڭ تەمىنلىگەن

    بۇ لايىھە ئەسەرلىرى ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئاشكارا تاللاشتىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ كىيىم-كېچەك لايىھەلەش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۈن شيۇچىن، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مەھسۇلات كىيىم-كېچەك شىسىنىڭ مۇدىرى ما رۇيشى، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ يۈن ھەمدە ئالاھىدە تەكلىپلىك لايىھەلىگۈچى ئالىمجان ئادىل تەرىپىدىن بىرلىكتە باھالاپ چىقىلدى.

تاللانغان ئەسەرلەردە

«دۆلەت مودا ئېقىمى» «دۆلەت ئۇسلۇبى» «دۆلەت جەۋھىرى»

«ماميەن» «سۇ ماكانى» «تاغ مەنزىرىسى»

«چىڭخۇا» ۋە «قاشتېشى بېزەكلىرى» قاتارلىق باش تېمىلار چۆرىدىلىپ

ئەتلەس ھۈنەر-سەنئىتى

جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىلى ۋە زامانىۋى لايىھەلەش ئىدىيەسى يۇغۇرۇلغان

    14-نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ھەم 2024-يىللىق خوتەن ۋىلايىتى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «قاشتېشى كەبى ساھىبجامال —— خوتەن قاشتېشى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر كۇەيشەن كۆرگەزمىسى» خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ يەر بەلگىسى ئورۇنلىرىدا نامايان قىلىندى.

ما شىڭ تەمىنلىگەن

    «بۇ قېتىمقى قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمى ئۈچۈن، مەن مەخسۇس ئىككى خىل نۇسخىدا كىيىم لايىھەلىدىم، كىيىمنىڭ رەڭ سىستېمىسىغا خوتەن قاشتېشىنىڭ رەڭگىنى ئىشلەتتىم.» لوپ ناھىيەسى تۇيغۇ كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئارزۇگۈل دۆلەت مۇنداق دېدى: كىيىم-كېچەك لايىھىلەش، تىكىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 17 يىل بولدى، ئۆزۈمنىڭ كىيىم-كېچەك زاۋۇتى، دۇكىنى بار بولدى، بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەتلەس گۈللۈك كۆك رەختتىن ماميەن يوپكىسى تىكتىم، نەپىس ماسلاشتۇرۇلغان بۇ پوسۇندىكى كىيىم ھەر بىر جايغا بارغاندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12:00 لەردە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى مەنزىرە تاماشا سۇپىسى ئالدىدا، مودېللار خوتەن قاشتېشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېسىپ، يىپەك ئەتلەستىن تىكىلگەن مودا كىيىملەرنى كىيىپ ماڭماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ فوتوسى

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان

ئارزۇگۈل ئەتلەسنى

چىپاۋ، تاڭجۇاڭ قاتارلىق ئېلېمېنتلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇردى

بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تور دۇكىنىنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش مىقدارى ئاشتى

«نۇرغۇن كىشى بىز تىككەن ئەتلەس چىپاۋنى ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن

ئەتلەسنى چۈشىنىشكە، بىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى چۈشىنىشكە باشلىدى

مەن بەك تەسىرلەندىم ھەم مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا كەلدىم.»

ئۇ مۇنداق دېدى:

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق

تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئەتلەسنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن

     14-نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ھەم 2024-يىللىق خوتەن ۋىلايىتى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «قاشتېشى كەبى ساھىبجامال —— خوتەن قاشتېشى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر كۇەيشەن كۆرگەزمىسى» خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ يەر بەلگىسى ئورۇنلىرىدا كۆرسىتىلدى.

ھەر بىر مەيدان مودېللار كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن

نەق مەيداندا ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش ھالقىسى تەسىس قىلىنىپ

تاماشىبىنلار كىيىم-كېچەك بىلەن قاشتېشى بىرلەشتۈرۈلگەن گۈزەللىكنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ 

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى

شۇنىڭ بىلەن بىللە

گۇما ناھىيەسى يەنە ئويۇن قويۇش ئورنىدا

بۇ قېتىمقى قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ شۆبە مەيدانىنى تەسىس قىلغان بولۇپ

ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك رايونى، قۇملۇقتىكى مىنىش رايونى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش رايونى

ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىشكە جەلپ قىلدى

    «قاشتېشى بايرىمى مەزگىلىدە بىز تەشكىللىگەن بىر قاتار مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، بايرام پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئاممىمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى، مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە قانائەت تۇيغۇسى ئاشتى» دېدى گۇما ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ خۇادۇڭ.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.