تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدا

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

    جۇ يىچېڭ 

  2023-يىلى 4-ئايدا، مەن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، توقسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇم. بۇ يىل 3-ئايدا، مەن دەم ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا قەدەم قويغاندا، تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقىتتىكى دەككە-دۈككە ۋە قىزىقىش ھېسسىياتىدا بولمىدىم، خۇددى ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلغان يۇرتۇمغا قايتقاندەك تەمكىن، سوغۇققان تۇيغۇدا بولدۇم.

جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جۇ يىچېڭنىڭ خىزمەت سۈرىتى.

سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

     شىنجاڭغا قايتىدىغان ئايروپىلاندا، مەن ئايروپىلان دېرىزىسىدىن سۈتتەك قارلىق تاغ، مۇز چوققىلارنىڭ قۇياش نۇرىدا خۇددى كۈمۈش رەڭلىك ئۇزۇن ئەجدىھادەك ئۇپۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆردۈم. قارلىق چوققىلاردىن ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن، كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان قۇملۇقىغا كەلدۇق، بۇ يەردە ئىلگىرى بىر مەھەل گۈللەنگەن كىروران قەدىمىي شەھىرى، يەنە مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدىغان، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدىغان، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدىغان قۇملۇق توغراقلىقى بار ئىدى.

    خىيال كەپتىرىم ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتاتتى، بۇ ۋاقىتتا ئايروپىلان خادىمىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى شۇ ھامان مېنى خىياللار قاينىمدىن قايتۇرۇپ كەلدى. شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كۈنلەرنى ئويلىسام، ھەر خىل ھېس-تۇيغۇلار، خىياللارغا چۆمىمەن. مەن باشتىن-ئاخىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى يالغۇزلۇقتا، بىر ئادەمنىڭ ياقا يۇرتتا تۇرۇپ شۇ جاينىڭ سۈيى، تۇپرىقىغا ماسلىشىش-ماسلىشالماسلىقى، شۇ جايدىكى ئاممىغا يېقىن تۇرۇش-تۇرالماسلىقىدىكى ھەقىقىي ھەل قىلغۇچ ئامىل بىر كۈچلۈك قەلبنىڭ بولۇشىدا، قەلبتە مۇستەھكەم ئىرادە بولغاندىلا، دۇنيانى قوغدىغىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ كەلدىم. مەن ئالاھىتەن يۇرتۇمدىكى كۇتۇپخانىدىن «زو زۇڭتاڭ» قاتارلىق كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ كەلدىم، ئېغىر يۈك-تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىمدە، كۆڭلۈم خېلى ئارام تېپىپ قالدى، بۇ مېنىڭ كەلگۈسى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى مەنىۋى ئوزۇقۇم ئىدى.

    چۈنكى، دۆلەت مۇھەببىتى بولغاچقا، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان نۇرغۇن چېگرا رايوننى قوغداپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرگۈچىلەر قېلىپ قېلىشنى تاللىدى، بۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد» «شىنجاڭدىكى ئۈچىنچى ئەۋلاد» ھەتتا «شىنجاڭدىكى تۆتىنچى ئەۋلاد» شەكىللەندى. ھازىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدا گۈزەل ماكان قۇرۇۋاتىدۇ.

    ئايروپىلان ئاقسۇ خۇڭچىپو ئايرودۇرۇمىغا ئاستا قوندى، بۇ ۋاقىتتا تاڭ سەھەر بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇزاق ۋاقىت ئۇچقاندىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلغان بولساممۇ، يەنىلا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مەن خىزمەت قىلىدىغان توقسۇ ناھىيەسىگە كەلدىم. يۇرتۇمدىن توقسۇغىچە ۋاقىت-بوشلۇق ئارىلىقى شۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، جاپانىڭمۇ بىر خۇشاللىق تەرىپى بارلىقىنى، جاپاغا خۇشاللىقلارنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلدىم، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ھەر بىر كۈننى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئۆتكۈزدۈم، بۇ، ئاددىي دۇنياغا مۇجەسسەملەنگەن ئاجايىپ كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسى. بەلكىم يىللارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن قەددىڭىزنى رۇسلاپ، قۇياش نۇرىغا يۈزلىنىپ يۈرەلىشىڭىز مۇمكىن.

    ​نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭ سىرلىق تۈسكە تولغان جاي، بۇ بىپايان تۇپراق ھەم ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىگە، ھەم قويۇق ئادىمىيەت تارىخىغا ئىگە. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدا مېڭىۋاتقان مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭ مېنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆزۈمگە ئۇچراتتى، شۇنداقلا مېنى نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئىگە قىلدى، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت تاللىشىم توغرا، پۇشايمانسىز تاللاش! بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇمغا ئايلاندى، بۇ مېھىر- مۇھەببەت يۇرت مۇھەببىتى، دوستلۇق، شۇنداقلا مىللەتلەر ئارىسىدىكى قويۇق مېھىر-مۇھەببەت. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، مەسئۇلىيىتى، بۇرچى باھار تۈسىگە تولغان بۇ دەۋردە شانلىق ھەم قويۇق رەڭدار سەھىپىلەرنى پۈتمەكتە!

(ئاپتور جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن رەتلىگەن) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.