تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆرۈپ كېلىڭ! شىنجاڭدىكى بۇ يېڭى مۇزېيلار پات ئارىدا ئېچىۋېتىلىدۇ

يېقىندا

شىنجاڭدىكى تۇنجى رەقەملىك قەدىمىي قەبرە خارابىسى مۇزېيى

 كۇچا شەھىرى كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىلەر خارابىسى مۇزېيى ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى

ئۇنداقتا شىنجاڭدا يەنە قانداق مۇزېيلار

 يېقىندا ئېچىلىدۇ؟

بىللە كۆرۈپ باقايلى

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى

8-ئايدا ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ بېلىق تۈرلىرى سارىيى

تىيانشان رايونى قارلىغاچلىق يولى

ئۈرۈمچى دېڭىز-ئوكيان سارىيى ئەسلىدىكى سارىيىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان

كۆلىمى 1500 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ

 دېڭىز-ئوكيان سارىيىنىڭ بىر قىسمىغا تەۋە

ئەسلىدىكى دېڭىز-ئوكيان سارىيى بىلەن بىر قەۋەتتە بولۇپ، ئۆزئارا تۇتىشىدۇ

بۇ ساراي ئېچىلغاندىن كېيىن

شىنجاڭدىكى بېلىق تۈرلىرى سارىيىدا

شىنجاڭنىڭ سۇ سىستېمىسى بايلىقىنى

ۋە سۇ جانلىقلىرىنىڭ تارقىلىشىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ

شىنجاڭنىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە بەرپا قىلىشى ئاساسىدا

دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن

ياپىلاق تۇمشۇق بېلىق (چوڭ باشلىق بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ)

رىۋايەتلەردىكى قاناس كۆلى غەلىتە تايمېن بېلىقى

بەدەن شەكلى غايەت زور دارتىس قاتارلىق

 دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك

يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان 20 نەچچە خىل سۇ جانلىقلىرى تۈرىنى تاماشا قىلالايسىز

يەنە مىڭ يىللىق توغراق

ئاق قېيىن قاتارلىقلارنى يېقىن ئارىلىقتا تاماشا قىلالايسىز

ئادرېسى: سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتى 3-بۆلەك رايونى

مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئايدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىدىكەن

10-ئايدا قۇرۇلۇش تاپشۇرۇلىدىكەن

شىنجاڭ ئۇرۇق مۇزېيى

مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەدەنىيەت، ھاياتلىق، ئىلىم-پەن قاتارلىق

كۆپ مەزمۇنلۇق كۆرگەزمە بىر گەۋدە قىلىنغان مۇزېي

كۆرگەزمە زالىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 6257 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ

ئۇرۇقچىلىق بىخەتەرلىكى كۆرگەزمە زالى

مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، تەتقىقات-ئۆگىنىش، ھېس قىلىش كۆرگەزمە زالى

قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمە زالى قاتارلىق 13 كۆرگەزمە زالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

پۈتكەندىن كېيىن ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

ئوقۇغۇچىلار، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنى

ئىنتايىن ياخشى بولغان مائارىپ مۇلازىمەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدا

مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئايدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىدىكەن

شىنجاڭ كىنو مۇزېيىنىڭ ئورنى

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى زاۋۇت رايونى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ

قۇرۇلۇش كۆلىمى 5931.18 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ

پۈتكەندىن كېيىنكى كىنو مۇزېيى

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىچىدىكى ئەسلىدىكى كونا ئىمارەتلەر

ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ

كىنو ئىشلەش ئىجادىيەت بازىسى

كىنونى ماتېرىيال قىلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە

يەنە تىيانشان رايونىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىنو باش تېما باغچىسى بولۇپ قالىدۇ

شىنجاڭ كىنو مۇزېيى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن

يەنە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى باشلايدىكەن

بۇ كىنو مەدەنىيىتى-ئىجادىيىتى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ھېس قىلىش ئەسلىھەلىرى

كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، سەنئەت نومۇرلىرى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بۇنىڭدىن باشقا

يەنە كىنو مۇنبىرى

تەتقىقات-ئۆگىنىش، كىنو كۆرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ

ئادرېسى: بايىنغولىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسىدە

 مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئايدا ئېچىلىدىكەن

 غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيىنىڭ

 كۆرگەزمە كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ

 ئاساسلىقى كۆرگەزمە زالى، دوكلات زالى

 ساقلانغان بۇيۇملار ئامبىرى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ساقلاش ئۆيى

 رەتلەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىزىملاش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بۇ مۇزېي 

زوركۈت قەدىمىي شەھىرى

 كۈيۈك شەھەر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەرنى يىغىپ ساقلاش، قوغداش، تەتقىق قىلىش،

كۆرگەزمە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ

ھەمدە ئۇنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇزېي

 ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى

ئاممىۋى مۇھىت بەرپا قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن

غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تارىخىي مەدەنىيەت باغچىسى

 پىلانلاپ قۇرۇلىدۇ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.