تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يازلىق ساياھەت مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ، ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

   

     

    مەملىكەتلىك يازلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) يازلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بېلىتى، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، باھانى چۈشۈرۈش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، ھەرقايسى جايلار، قوللىغان ھەرقايسى ئاپپاراتلار 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاھالە، ساياھەتچىگە نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يازلىق ساياھەت مەزگىلىدىكى گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ساۋ يەن، شيۇ جىگو)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.