تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2024- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى تۈركۈم نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ) 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ھەم 1- تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتى، نومۇر چېكى بېكىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1- تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول چېكى ئادەتتىكى تۈردىكىلەرنىڭ 630 نومۇر، ئايرىم پىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ 550 نومۇر؛ 2- تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول چېكى ئادەتتىكى تۈردىكىلەرنىڭ 595 نومۇر، ئايرىم پىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ 515 نومۇر؛ 3- تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول چېكى ئادەتتىكى تۈردىكىلەرنىڭ 535 نومۇر، ئايرىم پىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ 467 نومۇر بولغان.

     بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى: (1) ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتا B دەرىجە (B دەرىجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى بولۇش؛ (2) تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، سەنئەت ساپاسىنى جەريان خاراكتېرلىك باھالاشتا B دەرىجە (B دەرىجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى بولۇش؛ (3) جۇغراپىيە، بىيولوگىيە بىر تۇتاش سىناش دەرىجىسى لاياقەتلىك بولۇش؛ (4) مەكتەپنىڭ تەكشۈرۈش پەن دەرىجىسىدە لاياقەتلىك بولۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.