تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىنى كۈتۈۋالىدۇ، شەھەرنىڭ شىمالىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش ھەمدە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 29 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، بەدەن سېزىمى مۇۋاپىق بولدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن فوتوسى

   تومۇز كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق، ئىسسىق بولدى، بەزىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، تېمپېراتۇرىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۆرلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىدە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.1 سېلسىيە گىرادۇستىن 1.5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولغان.

   ئەڭ يېڭى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۈشەنبە كۈنى مۇشۇ ھەپتىدىكى بەدەن سېزىمى ئەڭ راھەت بولغان بىر كۈن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 29 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن. سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، جۈمە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، شەھەرنىڭ شىمالى، مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنپۇدا تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئوت ئاپىتى خەتىرىنىڭ ھاۋا رايى دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

   بۇ ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن. بۇ ھەپتە ئاساسلىق شەھەر رايونىدا كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 29 سېلسىيە گىرادۇستىن 36 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 21 سېلسىيە گىرادۇستىن 24 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

   ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تاغقا چىقىپ ساياھەت قىلىش پىلانى بار دوستلار دىققەت: بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلىرىدا بەزىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، چۈشتىن كېيىندىن كەچقۇرۇنغىچە قىسمەن جايلاردا چاقماق چېقىش، قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ۋە ئۆتكۈنچى بوران قاتارلىق قارشى ئېقىملىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ، تاغلىق رايون ساياھىتى ۋە دالا پائالىيىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇمات، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىپ، يامغۇر سۈيى ئېقىنى، ھۆلچىلىك ۋە ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.