تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 350 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈلۈپ، ئۈچ ئۆلكىنىڭ قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىنكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى قوللاندى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 350 مىليون يۈەن مەبلەغنى جىددىي چۈشۈرۈپ، خېنەن، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىنكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللىغان، بۇ مەبلەغ ئاپەت رايونىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان سۇچىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ئىشلىتىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى سۈن يۈەن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.