تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتۇنتاغدا قانۇنسىز ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش چەكلىنىدۇ

  بارلىق تەشكىلات ياكى شەخسلەر ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز مەيلىچە كىرسە بولمايدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى «بايىنغولىن ئوبلاستى نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى «شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قانۇنسىز ساياھەت قىلىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، كېسىپ ئۆتۈش، ئوغرىلىقچە قېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ماكانلاشقان شىزاڭ بۆكىنى ئوتلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قانۇنسىز ساياھەت قىلىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، كېسىپ ئۆتۈش، ئوغرىلىقچە قېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش چەكلىنىدۇ، بارلىق تەشكىلات ياكى شەخسلەر ئىجازەت ئالماي ئۆز مەيلىچە كىرسە بولمايدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملار بويىچە قاتتىق جازا بېرىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ساياھەت قىلىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، كېسىپ ئۆتۈش، ئوغرىلىقچە قېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ مۇھاپىزەت رايونىغا ئۆز مەيلىچە قانۇنسىز كىرىپ، ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش قاتارلىق ھادىسىلەر كېلىپ چىقسا، پائالىيەت تەشكىللىگەن ئورۇن ياكى شەخس ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئۆز مەيلىچە ساختا ئۇچۇر توقۇپ، تاراتقۇلاردا مۇھاپىزەت رايونىغا چېتىلىدىغان ساياھەت، ئېكسپېدىتسىيە، كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بازارغا سېلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا تەنقىد- تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ھەتتا قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

  ئىلمىي تەتقىقات ئېھتىياجى بىلەن، جەزمەن مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىپ ئىلمىي تەتقىقات، تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا توغرا كەلسە، جەزمەن ئالدى بىلەن شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنۇش ۋە پائالىيەت پىلانىنى تاپشۇرۇش كېرەك، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، تەستىقلانغان پىلان ۋە لىنىيەگە ئاساسەن ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ.

  ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەر ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى كېرەك، مۇھاپىزەت رايونىغا ئۆز مەيلىچە كىرىپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس پاش قىلىشقا، توسۇشقا ھوقۇقلۇق.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا يەنە نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى قوغداش باشقۇرۇش بۆلۈمى: 2106128-0996؛ ئىشخانا: 2106125- 0996.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.