تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەمدى چەك تارتىلمايدۇ! ئۈرۈمچىدە كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تەقسىملەش ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاشقا تەڭشەلدى

7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان-قولاي ئۆي قاتارلىق

كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي تەقسىماتىدا توردا

ئۆز ئارزۇسى بويىچە تاللاپ ئۆي ئىجارە ئالسا، سېتىۋالسا بولىدۇ

تەقسىم قىلىش تەرتىپى ياكى ئۆي مەنبەسى ئەمدى چەك تارتىش ئارقىلىق بېكىتىلمەيدۇ

ماتېرىيال سۈرەت.


7-ئاينىڭ 20-كۈنى «ئەنجۈ گۇاڭشا» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

بۇ يىلقى 3-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان-قولاي ئۆي قاتارلىق ئۆي مەنبەسىنى ئېلان قىلدى 

شۇنىڭ بىلەن بىللە، 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ

يېڭى تەقسىمات ئۇسۇلىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى


   بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تاللاشتا «145» ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ ئىجارىگە ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ھەر دۈشەنبە كۈنى «ئەنجۈ گۇاڭشا» يان تېلېفون سۇپىسىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى مەخسۇس سەھىپىسىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي مەنبەسىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ، كاپالەتلىك ئائىلىلەر ھەر ھەپتىدە پەقەت بىر يۈرۈش ئۆينى ئۆز ئارزۇسى بويىچە تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئارزۇ تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلىش كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ كاپالەت سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋاقتىنىڭ ئالدى-كەينى بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ. ھەر پەيشەنبە كۈنى سائەت 19دىن بۇرۇن، كاپالەتلىك ئائىلىلەر خالىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۆي تاللاش ئارزۇسىنى تەكشۈرسە ۋە ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ھەر جۈمە كۈنى، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بېكىتىلگەن ئالدىنقى 10 نەپەر كاپالەتلىك ئائىلىگە بىر-بىرلەپ ئىجارە بېرىش بېكىتىلىدۇ.

   نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي مەنبەسى چەكلىك بولغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملار ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى تاللاش جەريانىدا ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاشقا قاتناشسا بولىدۇ، لېكىن ئىجارە ھەققى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي بويىچە ھېسابلاپ ئېلىنىدۇ. 

   ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ ئىجارىگە ئېلىشتا نۆۋەت كۈتۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۈچ يىللىق كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە سالاھىيەتكە ئېرىشىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا، ئۆينى شۇنچە ئاسان تاللاپ بېكىتىشكە بولىدۇ. تاللاشتىن، ئىجارىگە ئېلىشتىن ۋاز كېچىش ئەھۋالىغا قارىتا، بىر قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچسە ئۈچ ئاي ئىچىدە يەنە ئۆي تاللاشقا بولمايدۇ، ئىجارىگە ئېلىش بېكىتىلگەندىن كېيىن يەنە ئىجارىگە ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەر بىر يىل ئىچىدە قايتا ئۆي تاللىسا بولمايدۇ، ئۈچ قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچسە ياكى ئىككى قېتىم ئىجارىگە ئېلىشتىن ۋاز كەچسە كاپالەتلىك ئاھالە سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

    ئەرزان-قولاي ئۆيلەرنى تەقسىم قىلىشتا ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ سېتىۋېلىشنىڭ كونكرېت تەرتىپى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، لېكىن ئارزۇ تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلغاندا كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارقىلىق چەك تارتىپ بېكىتكەن ئۆي تاللاش رەت نومۇرىنىڭ ئالدى-كەينى بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ. بىر قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچسە ئىككى ھەپتە ئىچىدە يەنە ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشقا بولمايدۇ. ئىككى قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچكەن ھەمدە تاللىغان ئۆينىڭ كېلىشىم ئىمزالاش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرمەي سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ئەرزان-قولاي ئۆي سېتىۋېلىش كاپالەت سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەرزان-قولاي ئۆيلەرنى تەقسىملەش سىياسىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلىدىغان بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ سېتىۋېلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەرزان-قولاي ئۆي مەنبەسى ئەڭ ئاخىرقى ئۆي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆي تاللاپ سېتىۋالمىغان كاپالەتلىك ئائىلىلەر 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تەقسىملەپ سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە بىر قېتىم ئالدىن ئۆي تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئالماشتۇرۇشنى  ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلمىسا، كاپالەتلىنىش سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ. 

   بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «ئەنجۈ گۇاڭشا» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۆي تاللاش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان-قولاي ئۆيلەرنىڭ تەقسىملىنىشىدە بىردەك ئىككى ئايدا بىر قېتىم چوڭ چەك تارتىلاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ئادەم بىلەن ئۆينى ماس ھالدا تاللاش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى، سىستېما كاپالەتلىك ئائىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپ بويىچە تەقسىمات رەت نومۇرىنى ئىختىيارىي تارتاتتى ھەم ئۆي مەنبەسى بىلەن بىرگە بىر ماسلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن ئۆينىڭ ماس بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلاتتى؛ ئەرزان-قولاي ئۆي ماشىنا ئارقىلىق تاللاش ۋە بىۋاسىتە تاللاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تەقسىملەش ئۇسۇلىغا بۆلۈنەتتى، ئالدى بىلەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ تەقسىمات رەت نومۇرى تارتىلاتتى، ئاندىن نەق مەيداندا تەقسىم قىلىناتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ماشىنا ئارقىلىق تاللاشتا كاپالەتلىك ئائىلىلەر كومپيۇتېر تېرمىنالىدىن ئۆزى چەك تارتاتتى ھەمدە ئۆي مەنبەسىنى تاللاپ بېكىتەتتى.

   تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2007-يىلىدىن بۇيان، بۇ يىل 3-ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 131 مىڭ 500 ئائىلىنى تۇرالغۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى ئەمەلىي ئىجارىگە ئالغان ئائىلە 65 مىڭ 300، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ئىجارە ياردەم تولۇقلىمىسى ئالغان ئائىلە 43 مىڭ 500 بولۇپ، تارقىتىلغان ئىجارە ياردەم تولۇقلىمىسى 72 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئەرزان-قولاي ئۆي سېتىۋالغان ئائىلە 24 مىڭ 800گە يەتكەن. 2024-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەقسىملەپ سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 2000 يۈرۈش، تەقسىملەپ ئىجارىگە بېرىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 5100 يۈرۈشتىن ئارتۇق تەييارلايدۇ.

سۈرەت «ئەنجۈ گۇاڭشا» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

سۈرەت «ئەنجۈ گۇاڭشا» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

سۈرەت «ئەنجۈ گۇاڭشا» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى


«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.