تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

سەنشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت سەييارە ئويۇنى قالتىس ئورۇنلاندى

    7-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھىرى ياشىن مەيدانىدا، «فېنشۈي تىيانشانغا تۇتاشتى» سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت سەييارە ئويۇنى قالتىس ئورۇنلاندى. 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «فېنشۈي تىيانشانغا تۇتاشتى» سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت سەييارە ئويۇنى سانجى ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، باغچە رايونلىرىدا ئورۇنلاندى. سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزگىچە «مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى» بېرىش مەقسىتىدە، ئىككى جاي مەدەنىيەت جەھەتتە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر خې لۇڭ)

تاماشىبىنلار ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، بەس-بەستە يان تېلېفوندا سۈرەتكە تارتماقتا.

ئارتىسلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.