تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىم | ئەتلەسنىڭ سېھرىي كۈچى

    7-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىغا جايلاشقان جىيا گۈزىلى ئەتلەس قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىغا كىردى، بۇ قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ھازىرغىچە قەدىمكى دەۋردىكى ئۆسۈملۈكتە باغلاپ بوياش تېخنىكىسى ۋە كىشىلەر ياغاچتىن ئۆزى ياسىغان يىپەك توقۇش ئۈسكۈنىسىدە ئەتلەس توقۇش ھۈنىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ئەنئەنىۋى توقۇش-بوياش، خەلق ئۆرپ-ئادىتى كىيىم-كېچەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-پىششىقلاش، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك ئەتلەس مەھسۇلاتلارنى سېتىش، ساياھەتچىلىكنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونىدۇر. قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى 2007-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك سانائەت ساياھىتى ئۈلگە نۇقتىسى بولۇپ باھالانغان، 2014-يىلى دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقىلغان.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەتلەس توقۇش ۋە بوياش ھۈنەر-سەنئىتى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ۋەكىللىك تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ گۈل نۇسخىلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، مول تەبىئىي مۇھىت، كۆپ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە قويۇق خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئىلھام ئالغان. ئەتلەس توقۇش-بوياش ھۈنىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، توقۇشتىن بۇرۇنلا نۇسخىسى لايىھەلىنىپ بولۇنىدۇ، ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپى ئاۋۋال بوياپ ئاندىن توقۇلىدۇ، ھالبۇكى، باشقا يىپەكلەرنى باغلاپ بوياش ھۈنەر-سەنئىتىدە رەخت توقۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ئاندىن بويىلىدۇ، ئۇنىڭ نەپىس گۈل نۇسخا ئامىللىرى گۈل-گىياھ، ئۆسۈملۈك، تەبىئىي مەنزىرە، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلاردىن كەلگەن، چىرايلىق ماسلاشتۇرۇلغان رەڭلەردىن تەبىئەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.


مۇخبىر جۇڭ جاۋفېڭ 

نازارەت قىلغۇچى شۆ جىڭ، چېن فېڭ 


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.