تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرايلى

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما زىچ چۆرىدىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى تۈزۈپ چىقىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئېچىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز نېمىگە تايىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز؟ بۇنىڭدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىمىز. ئومۇمىي يىغىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلدى، بۇ دەل كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يېڭى نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ - ئارمانلىرى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت. سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىر ھەرىكەت ھالىتىدىكى جەريان بولۇپ، مۇقەررەركى ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، ھازىر بار بولغان تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يېڭى ساھە، يېڭى ئەمەلىيەتتە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا، تۈزۈم بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە يەنىلا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك يېپيېڭى ئىش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۇقەررەر تۈرلۈك زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

ئومۇمىي يىغىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلمىي پىلانلىدى، بۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش باش نىشانىنى كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نىشانلاپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ماس كۈچەپ، سىجىل كۈچىگەندە، چوقۇم 2035 - يىلىغىچە بولغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ مۇھىم پىرىنسىپلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تەجرىبىلەرنىڭ، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى مۇساپىدە، بۇ مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۈپ تۈزۈمنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتكەندە، چوقۇم ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كەلدى، يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپلىرى، مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتقاندا، بىز چوقۇم يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.