تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، چارلاپ تەكشۈرۈپ خەتەرنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

شى جىنپىڭ شەنشىنىڭ شاڭلو شەھىرى جاشۇي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول كۆۋرۈكىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، چارلاپ تەكشۈرۈپ خەتەرنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 20دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شەنشىنىڭ شاڭلو شەھىرى جاشۇي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول كۆۋرۈكى قىيان كېلىش سەۋەبىدىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، بىر قىسىم ئاپتوموبىللارنىڭ دەرياغا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 10غىچە، ئاپەتتە 11 ئادەم ئۆلدى، يەنە 30 نەچچە ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: شەنشىنىڭ شاڭلو شەھىرى جاشۇي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول كۆۋرۈكى قىيان كېلىش سەۋەبىدىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش ھەم ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەپسىلىي بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دەل 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، چارلاپ تەكشۈرۈپ خەتەرنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مۇنداق تەستىقىي يوليورۇق بەردى: بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ھەم خەتەرلىك ئەھۋالنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئاپەت، ھادىسە قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شەنشى ئۆلكىسى، شاڭلو شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.