تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كېلىپ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كېلىپ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش زالىغا كەلدى. زالغا، رۇەن فۇجۇڭنىڭ سۈرىتى قويۇلغانىدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى تەقدىم قىلغان گۈلچەمبىرەكلەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەمدە مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى تەقدىم قىلغان گۈلچەمبىرەكلەر سۈرەت ئالدىغا قويۇلغانىدى.

شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ سۈرىتى ئالدىغا كېلىپ قەدىمىنى توختىتىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، رۇەن فۇجۇڭنىڭ سۈرىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى، تەزىيە بىلدۈرۈش دەپتىرىگە سۆز قالدۇردى ھەم ئىمزا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش رۇەن فۇجۇڭ قەتئىي ماركسىزمچى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ۋىيېتنام خەلقىنىڭ ئۇلۇغ رەھبىرى، ئۇ ئۆمۈرلۈك زېھنىنى ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىگە بېغىشلاپ، ۋىيېتنام خەلقىگە بېغىشلاپ، ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ۋىيېتنامدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن يولداش رۇەن فۇجۇڭ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، چوڭقۇر يولداشلىق ھېسسىياتى ئورناتتىم. ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى شۇكى، بۇلتۇر بىز بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدۇق. يولداش رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋاپاتى بىلەن بىز بىر نەپەر جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولغۇچىدىن ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى سەپەردىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن قايغۇردۇق. بىز يولداش رۇەن فۇجۇڭنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتى ئىشلىرىغا قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋىيېتنام خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم داغدام يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ چوقۇم داۋاملىق تۈردە بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

ۋىيېتنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەن شىڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىيېتنام - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش رۇەن فۇجۇڭغا بولغان ئالاھىدە ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى، ۋىيېتنام تەرەپ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. يولداش رۇەن فۇجۇڭ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىيېتنام - جۇڭگو دوستلۇقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، غايەت زور تۆھپە قوشقان. ۋىيېتنام تەرەپ يولداش رۇەن فۇجۇڭنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋىيېتنام - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى ۋىيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.