تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش شەرت

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۈزلىنىشىگە نەزەر

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مۇخبىرلىرى

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: 2035 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش بۇرغىسىنى ياڭرىتىش جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش

«دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش»تىن «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»قىچە، يەنە «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»قىچە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ كۆركەم قىياپىتى بولۇپ قالدى.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەيۋەتلىك، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىسلاھاتتا قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت، يېڭى نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ - ئارمانلىرى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ لىڭجۈن مۇنداق قارىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش، يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھە بار، داۋاملىق تۈردە دادىل ئىزدىنىشكە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ.

تۈزۈم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نېگىزلىك خاراكتېرگە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، مۇقىملىق خاراكتېرىگە، ئۇزاق مەزگىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەسىلە.

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» ئومۇمىي يىغىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «2029 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغاندا، مەزكۇر قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش»نى تەلەپ قىلدى.

«ئۈزلۈكسىز» دېگەن سۆز پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىسلاھات ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم قانچە قىيىن بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. باش نىشاننى تەكىتلەش ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ كۈچى ۋە ئورتاق تونۇشىنى تېخىمۇ كۆپ مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق. جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى كەسىپ ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ چۈەنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، ئىسلاھاتنى قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، شۇنداقلا كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ.

ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە ئېرىشكەن قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى قانۇنىيەتلىك تونۇش ۋە مۇھىم تۇتقا.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

«ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قوللانما. «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»تىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ياخشى قوللىنىش بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا بۇ پىرىنسىپلارنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ يى.

ئىلمىي ئىسلاھات ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش

تەرەققىياتنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھاتنىڭ قائىدە ۋە تەرتىپى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان يېپيېڭى ئىش، جەزمەن توغرا مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىزدىنىش داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

ئومۇمىي يىغىن ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلىش، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك... ئومۇمىي يىغىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

جۇڭنەن مالىيە - ئىقتىساد، سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش شۆيۈەنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى باشلامچىسى شۈ خەنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلاردا پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر نامايان قىلىندى، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش نەزەرگە ئېلىپ، «بەشنى بىرگەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جەزمەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ ۋە ئاشۇرىدۇ.

«دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە، يىرىك پىلان سىستېمىسى ۋە سىياسەتنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاش» «كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىش»...

«ئومۇمىي يىغىننىڭ بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى.» ليۇ چۈەنخۇڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىلمىي ئىسلاھات ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك قاتارلىق مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشى، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلامچى قىلىش كېرەك»، ئومۇمىي يىغىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ئومۇمىي يىغىن «بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە، پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، ئومۇمىي يىغىن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان رىغبەت - چەكلىمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش» قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ ئىلمىي ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش − سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئومۇمىي يىغىن «ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «ماكرو سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكىنى ئاشۇرۇش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.

«ئومۇمىي يىغىن ئورۇنلاشتۇرما قىلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ تەرتىپى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، سالمىقى ناھايىتى زور بولۇپ، ئۇنىڭ <يېتەكلەش> رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى.» ليۇ چۈەنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئەڭ تەخىرسىز ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا ماس كۈچەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئىرادىسىنى ساقلاش

توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھاتتا مەيلى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق نېگىزلىك ئىشلاردىن قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدۇ».

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئومۇمىي يىغىن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇ لىڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىغا دائىر تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتى نامايان قىلىندى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كۈچلۈك ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، مۇھىم سىياسىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىك دېموكراتىيە شەكىللىرىنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت ۋە ئەمەلىي نامايان قىلىش شەرت.

«پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، مەيدانى، پىرىنسىپى بار، ئىرادە ئۆزگەرمىدى، يول ئۆزگەرمىدى.» جۇ لىڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يولدا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا، نىشاندىن ئادىشىپ قالماي، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايمىز، يېڭىلىق ياراتقاندىلا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماي، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلىيەلەيمىز ۋە يېتەكلىيەلەيمىز. يەنىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

«مەسىلەن، ئومۇمىي يىغىندا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى جاڭ يى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىپ، زور كۆلەملىك مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرت.

«مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەتتىن ئايرىلالمايدۇ.» جاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى يەنىمۇ نامايان قىلىدۇ، بۇ، مۇقەررەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىسلاھات قىممەت يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەش

خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش شەرت.

جاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا ئېھتىياجلىق، ئالاھىدە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى رېئال شارائىتنى تولۇق ئويلىشىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چىقىش قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، تەدرىجىي ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى، سىجىل كۈچ چىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق.

ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق خەلقنىڭ تەلىپى، خەلقنىڭ ئارزۇسى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش شەرت.

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم.» شۈ خەنمىڭ مۇنداق قارىدى: قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىقنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدىكى ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىن ئىبارەت كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، قانۇنچىللىقنى شۇنچە تەكىتلەش، تېخىمۇ ئاشكارا، ئېنىق، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىق مۇھىتىنى شۇنچە يارىتىش كېرەك.

ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش خەلقنى مەركەز قىلغان ئىسلاھات قىممەت يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر - يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت.

«ئادەم شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يادرولۇق ئامىل، مەيلى يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن ياكى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى بايلىقلارنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزىلار ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دېدى جاڭ يى.

(مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، لو شا، چېن ۋېيۋېي، سۈن شاۋلۇڭ، ۋاڭ چى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.