تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈردى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، فېڭ جياشۈن، شۈ جۇاڭ

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تونۇشتۇردى ۋە چۈشەندۈردى.

ئومۇمىي يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ فاڭيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نى تەييارلاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن جەرياننى پىلانلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.

«يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىنىپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يادروسى ۋە ئاچقۇچى چىڭ تۇتۇلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور» دېدى تاڭ فاڭيۈ.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇنى ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىشى ئەتراپلىق ئويلىنىشتىن ئۆتكەن.» تاڭ فاڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: بىر تەرەپتىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نۇرغۇن مۇرەككەپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز، شۇڭا تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ، دۆلەت ئىدارە قىلىش بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە قانات يايدۇرۇش شەرت.

«ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغان مەزگىلدە، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار <قارار> ئارگىنالىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: <قارار> ھەم پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىز تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت - ماتېرىيال» دېدى ئۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقارغان مۇھىم ھۆكۈم

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قارار»نىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

«بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقارغان مۇھىم ھۆكۈم.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

مۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلدى، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، ئىدىيە، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات بۇرچى، ئىسلاھات يۆنىلىشى، ئىسلاھات نىشانى، ئىسلاھات تەدبىرى، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىسلاھات ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەرنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، نېمە ئۈچۈن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى قانداق قىلىپ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، يېڭى ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا قۇدرەتلىك ھەقىقەت جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى.

«قارار»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم پىرىنسىپلارنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.

«بۇ ئالتە پىرىنسىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى مەركەزلىك نامايان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، بىز جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت» دېدى مۇ خۇڭ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جەمئىي 300دىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قارار»دا يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 2035 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىنىدۇ.

مۇ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ باش نىشان ھەم پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانى بىلەن تومۇرداش، ھەم پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بىلەن جىپسىلاشقان بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشان يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

«قارار» جەمئىي 15 قىسىم، 60 ماددا بولۇپ، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى بۆلەك ئومۇمىي بايان بولۇپ، ئاساسلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى بايان قىلىندى. ئىككىنچى بۆلەك تارماق بايان بولۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يېتەكچى قىلىنىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئۈچىنچى بۆلەكتە ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆزلەندى.

تاڭ فاڭيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «قارار»دا جەمئىي 300 تۈردىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھەممىسى تۈزۈلمە، مېخانىزم، تۈزۈم قاتلىمىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىلگىرىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ۋە يۈكسەلدۈرۈلۈشى بولسا، بەزىلىرى ئەمەلىيەت ئېھتىياجى ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاساسىدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئىكەن.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى

مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان <قارار>دا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، سالمىقى ئىنتايىن زور».

ئۇ بۇنى مۇنداق يەتتە جەھەتتىن تونۇشتۇردى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مائارىپقا تايىنىدۇ.

«دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، يېڭى نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار ۋە پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى چۆرىدىگەن خەلقئارا رىقابەت مىسلىسىز كەسكىنلەشتى.» مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزدىن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىمىزغا يېتىشتۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئومۇمىي يىغىن <قارارى>دا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى».

بىرىنچى، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىش بىر سىستېما خاراكتېرلىك ھالقىش ۋە سۈپەت ئۆزگىرىشى، «قارار»دا يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.

ئىككىنچى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى كۈچەپ ئۇرغۇتۇلىدۇ، «قارار»دا مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەشكىلىي مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

ئۈچىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، مۇلازىمەت قىلىش، قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، «قارار»دا تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى.

قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىق خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا، ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشايدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا قانۇنچىللىق − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، جەزمەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى دەل ۋاقتىدا قانۇن - تۈزۈم يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش شەرت، دەپ تەكىتلەندى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا قانۇن چىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چەتكە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەر نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى، تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بىز پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە پائال ماسلىشىپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك.» شېن چۈنياۋ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: «قارار»دا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان مۇھىم تەدبىر ۋە ۋەزىپە، تەلەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى، قانۇن تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تۈزۈش ھەمدە ئالاقىدار ھوقۇق بېرىش، تەستىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى تېما، يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭغا قانۇن چىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. «قارار»نىڭ ئالاقىدار قىسمىدا بەزى مۇھىم قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەزىپىلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، پۇل مۇئامىلە قانۇنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈش، نازارەتچىلىك قانۇنى، رېۋىزىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شېن چۈنياۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، دەپ تەكىتلەندى، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ

«ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تاشقى ئېنىقسىزلىق كۈچىيىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېدى مۇ خۇڭ مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە.

ئۇ مۇنداق دېدى: سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگونىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى. ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىش بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دا سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تاشقى سودا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش، رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ ئېنىق سىگنالىنى قويۇپ بەردى.

خەن ۋېنشيۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: «چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قاتناشقۇچى، پائال تۆھپە قوشقۇچى. خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. بۇ ۋاقىتلىق ھادىسە. تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، بازار پۇرسىتىنىڭ سىجىل كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش دائىرىسى سىجىل كېڭىيىدۇ».

پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

خەن ۋېنشيۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: «قارار»دا پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى، تۆۋەنگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۇغۇتقا قارىتا دوستانە تىپتىكى جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسىپ سىياسىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى.

«بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى جەزمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى ئۇ.

خەن ۋېنشيۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشنى بېكىتىش، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، چىقىم كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

ھازىر، ئاممىنىڭ «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش» ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشماقتا.

بايلىق تەقسىملەش جەھەتتە، ئەلا بايلىقنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش زورايتىلىدۇ؛ ئوقۇش - ئوقۇتۇش جەھەتتە، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى جەھەتتە، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىنىدۇ؛ يېڭى يول ئېچىشتا، رەقەملىك كۈچ قوشۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاقىل مائارىپنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلىدۇ... خۇەي جىنپېڭ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، <ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش>تىن <ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش>قا ئۆتۈشتىن ئىبارەت تۈپ خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

مەخسۇس بىر بۆلەك ئاجرىتىلىپ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. تاڭ فاڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: دەل پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ئاساس قىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەھمىيىتىنى بايان قىلىش، پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش داۋامىدا، ھەممىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇھىم مەزمۇن قىلىندى.

ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قارار»دا مەخسۇس بىر بۆلەك ئاجرىتىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلار «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ قەتئىيلىكى ۋە سەگەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوقۇم پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوقۇم مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ» دېدى تاڭ فاڭيۈ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.