تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى مۇساپىدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى توغرىسىدا خاتىرە

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، كۇاڭ شىشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

تاغ - دەريالاردىن ئېشىپ، نۇرغۇن مۇساپىنى بۆسۈپ ئۆتتۇق. ۋاقىت 2024 - يىلى 7 - ئايغا كەلگەندە، كىشىلەر ئىسلاھاتنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھەيۋەتلىك كۈچىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش − بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلە بولدى.

يىغىن ۋاقتى تۆت كۈن بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باشلاندى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلار يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

شۇ پەيتتە، «دەۋر بۆلگۈچ» ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا 46 يىل بولدى؛ «دەۋر بۆلگۈچ» ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغىمۇ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى.

ئەسلەپ ئۆتسەك، قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق؛ يىراققا نەزەر سالساق، ئارزۇ ۋە شان - شەرەپ قۇچىمىز؛ ھالبۇكى، ئايىغىمىز ئاستىدا بولسا، تارىخنىڭ يېڭى يۆنىلىشى: «ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل».

ھالقىلىق مەزگىلدە، بۇ ھالقىلىق قەدەمنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كەلدى، يەنە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش شەرت» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانلاندى. قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «قارار» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلاپ، ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى ھاسىل قىلىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما»، «يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت» دەپ ئاتالدى.

تارىخىي خاراكتېرلىك چوڭ ئىشلارنى ھامان تارىخنىڭ ئۇزاق كۆرۈنۈشىگە قويۇپ ئىگىلەش كېرەك؛ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ دەۋرنى قەتئىي ئىرادە بىلەن گۈللەندۈرۈش، ئۇدا كۈرەش قىلىدىغان ئۇزاق يىللار داۋامىدا كۆزىتىش كېرەك. ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قانداق قىلىپ يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتنىڭ داۋامى، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسى

«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىشنى قايتا جاكارلاش»

جۇڭگو چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. گەرچە خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن 2023 - يىلى 2 - ئايدىن بۈگۈنگىچە، نەتىجە قەغىزى ناھايىتى ۋەزىنلىك بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا ھەم نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىلدى، ھەم ئەمەلىيەت كېڭەيتىلدى. سەمىمىي بايان قىلىش يېڭى مۇساپىدىكى بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى بولدى.

گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بۇ مۇساپىدىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، يەنە يېڭى دەۋردىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: «نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى».

ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكى نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدىغان تارىخىي پەيتتە، خۇددى ماياكقا، يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ.

1978 - يىلى دۆلەت تەقدىرىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا تامغا بېسىلىپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى باشلاندى».

جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە، زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىدۇق. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق. 2013 - يىلى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى «يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى».

بۇ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىسلاھات ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئالغا سىلجىتتۇق. چۈنكى كىشىلەر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، «ھەرقانچە ئېگىز تاغ، ھەرقانچە ئۇزاق يول بولسىمۇ، قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرىلىسەكلا، مەقسىتىمىزگە يېتىدىغان شۇ كۈن يېتىپ كېلىدۇ».

يىغىن مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «قارار(مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى. ئىزاھات ئىخچام، چوڭقۇر، تېزىستا مۇھىم نۇقتا تۇتۇلغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش، قەيەرنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ھەربىر سۆز - جۈملىدە «ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»تىكى جاسارەت ۋە ئىرادە نامايان قىلىندى.

«ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش»تىن «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش»قىچە، يول بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. «يەنىمۇ ئىلگىرىلەش» تارىخنىڭ يەنە داۋاملىشىشى، دەۋرنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىدىغان غەيرەت بولۇشى شەرت، شۇنداقلا بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان چىدامچان بولۇشى شەرت.

«بۇ، ھەم پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، ھەم يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى». بۇ يىل 2 - ئايدىلا، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا بەلگە سېلىنغانىدى.

بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن باش تېما جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا زىچ باغلىنىدۇ؟

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر ئويلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)»نىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق جاۋاب بەردى: «پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش پارتىيەنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى».

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىشتىكى بىر قېتىملىق جۇڭگو ئىزدىنىشى، يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكى ئاساسىدىكى بىر مەيدان ئۇدا داۋاملاشتۇرۇلىدىغان كۈرەش، تولۇپ تاشقان ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش روھى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولى، بۇ نەقەدەر مۈشكۈل ھەم نەقەدەر ئۇلۇغ ئىش.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، نىشان بېكىتىلدى، يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز نېمىگە تايىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىمىز. ھالبۇكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، خىرىسقا يۈزلىنىشتىكى مەقسەت «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن بولۇپ، بۇنىڭدا 2035 - يىلىغا بارغاندا «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش» چىڭ كۆزلەنگەن.

«بىز دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىمىز كېرەك، بۇ ئىسلاھاتتا يەتمەكچى بولغان مەقسەت.» دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىكى پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ زامانىۋىلىشىش يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن. ئومۇمىي يىغىندا «تۆت جىددىي ئېھتىياج» ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ مۇھىم قارارنى چىقىرىشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى ئىزاھلاندى:

«بۇ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى»؛ «بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى»؛ «بۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى»؛ «بۇ، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى».

ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

تۆت كۈن داۋاملاشقان ئومۇمىي يىغىندا، كۆپ مەيدان گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، پات - پات كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بەس - بەستە سۆز قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پائال مۇھاكىمە قىلىپ، ھۆججەتنى قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: «قارار» ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان سىياسىي خىتابنامە، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسى.

پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش

«ئىسلاھات پۇرىقى كۈچلۈك، سۈپىتى يېتەرلىك بولۇش»

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم.» مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق يېڭى ئىدىيە، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يېڭى مۇساپە ئىسلاھات ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى. ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش 2023 - يىلى زىمىستان قىش مەزگىلىدىن 2024 - يىلى تومۇز يازغىچە يەتتە ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن جەرياننى پىلانلىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدى، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىدى.

ئىزاھات بەرگەندە، باش شۇجى ھۆججەت تەييارلاش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

«2023 - يىلى 11 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى»؛ «بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاشتا، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈلدى»...

خەلقنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتى توپلانغان، تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن بۇ ئىسلاھات لايىھەسى مۇشۇ پەيتتە يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

«قارار(مۇزاكىرە نۇسخىسى)»نى ۋاراقلاپ كۆرسەك، كىرىش سۆز ۋە خاتىمىدىن باشقا، جەمئىي 15 قىسىم بولۇپ، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. «مەزمۇن ماددىلىرى تولۇق رەتكە تىزىلغان بولۇپ، 60 ماددىغا ئايرىپ يېزىپ چىقىلدى.» ھەربىر جۈملىدە ئىسلاھات تىلغا ئېلىنغان، ھەربىر خەت ۋەزىنلىك بولۇپ، «ئىسلاھات پۇرىقى كۈچلۈك، سۈپىتى يېتەرلىك بولۇش» تەلىپىگە جانلىق ماسلاشقان.

«قارار»غا يەنە ئېچىۋېتىش تەلىپى تولۇق سىڭدۈرۈلگەن. ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىش بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەزمۇننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ، بۇنى «بەشكە ئەھمىيەت بېرىش»كە يىغىنچاقلىدى:

«ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش»؛ «ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش»؛ «ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش»؛ «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش»؛ «پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش».

«بۇ ئالاھىدىلىكلەردە دىققەت يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن» بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن تېز ئەۋج ئالغان ئىسلاھات ۋەزىيىتىنى كۆرۈۋالدۇق، سىستېمىلىق، ئىلمىي بولغان ئىسلاھات تاكتىكىسىنى كۆرۈۋالدۇق، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن ئىسلاھات يۆنىلىشىنى كۆرۈۋالدۇق».

ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىش دېگەن نېمە؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزاھات بەرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: قارار ئارگىنالىدا «بەشنى بىرگەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش رامكىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش پىلانلاندى.

يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات دەسلەپتىلا پارچە - پۇرات ياماش ئەمەس، پارچە - پۇرات ئىش قىلىش ئەمەس. «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش»، «جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاش بولۇشى، جەزمەن ھەرقايسى ساھەدىكى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاش ھەمتۈرتكىلىك بولۇشى ۋە توپلىنىشى كېرەك».

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار «ئومۇميۈزلۈك» دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى يەنە بىر نۇقتىدىن چۈشەندۈردى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. <قارار> ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 300 نەچچە تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ھەربىر جۈملە دېگۈدەك بىر تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىگە چېتىلىدىكەن».

«بەشكە ئەھمىيەت بېرىش»نىڭ بىرى «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش». يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: «قارار»دا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ سالمىقى زور، تەدبىرى ئەمەلىي، قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس، دۆلەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش نامايان قىلىنغان.

ئىسلاھات قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى شۇنچە مەھكەم تۇتۇش كېرەك. خۇددى ئومۇمىي يىغىندا كۆرسىتىلگەندەك، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا تېما چىقىرىلدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئىشلار ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېڭى دەۋر تېمىلىرىنىڭ بىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەسىلىسى. «قارار»دا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش» ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىندى. ھالبۇكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قىسمىدا يەنە «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» ئايرىم بىر باب قىلىندى.

«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؟ مەن ئىزچىل ئويلىنىۋاتىمەن». بۇ يىل 1 - ئايدا، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى ۋە پىلانىنى بايان قىلدى.

«قارار»دا، ھەم «يېڭى»نى يېتىلدۈرۈش: يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى تۈزۈمى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى كەسىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، شۇنداقلا «كونا»نى ئۆزگەرتىش: دۆلەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرى بۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن.

«بەشكە ئەھمىيەت بېرىش»تە يەنە بىر مەزمۇن بار، يەنى «ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش».

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش شەرت. بۇ، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار بىر يەرگە قويۇلۇپ مۇستەقىل باب قىلىندى. بۇ قېتىمقى «قارار»دىكى پىكىر يولىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىش، مۇقەررەر ھالدا تۈزۈم قۇرۇلمىسى، تەشكىلىي شەكىل، باھالاش سىستېمىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ماس ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ. توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش دەل زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى توسۇق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ پەرقلىق بولۇش مەسىلىسى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەسىلىسى، تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش مەسىلىسى... ئالاقىدار ساھەلەردىكى يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىگە تېگىش قىلىش، قانداق توسۇق نۇقتا بولسا شۇ توسۇق نۇقتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز جاسارەتكە تولغان، غەيرەتكە تولغان، ناھايىتى ئەمەلىي بولدى!»

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پۇختا ۋە ئەمەلىي ئىشلەش

«يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك»

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭىدىن يولغا چىقىش.

ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش جەھەتتە، بىز بىرقەدەر ئېنىق بولغان چوڭ دائىرىگە ئىگە بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاساسلىق زېھنىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيى، 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

«ماقۇللاندى!» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ئېلان قىلدى. يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپىسى.» باش شۇجى كېيىنكى مۇھىم سۆزىدە كېيىنكى قەدىمىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، «ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپلىرى، مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك».

بۇ تۆت مۇھىم نۇقتىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەشنىڭ تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىش ئۈنۈمى بار.

«باش تېما» − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

«مۇھىم پىرىنسىپ»، يەنى «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخىي تەجرىبىلىرىنىڭ خۇلاسىسى مۇجەسسەملەنگەن: «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش». «چىگىش، مۇرەككەپ زىددىيەتلەر ئىچىدىن قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش» ئۈنۈملۈك بولغان مېتودولوگىيە.

«مۇھىم تەدبىر»دە ھالقىلىق ساھەلەر چىڭ كۆزلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۆتكۈرلۈكى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

«قارار»دا «يەتتىنى نىشانلاش» تەكىتلەندى: «يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى نىشانلاش»، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نىشانلاش»، «سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى نىشانلاش»، «خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاش»، «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشانلاش»، «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىشنى نىشانلاش»، «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاش».

«تۈپ كاپالەت» − پارتىيە رەھبەرلىكى.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يولدا يوشۇرۇن خادا تاش، خەتەرلىك ساھىللار مۇقەررەر بار؛ بۇ يولنى ياخشى مېڭىشتا چوقۇم تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان جاسارەت، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەت، چاقماقتەك چاققان بولۇشتەك ئىستىل بولۇشى كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەن: «مەيلى نېمىنى ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئىسلاھاتتا قايسى باسقۇچقا بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» «قارار»دا مەخسۇس بىر قىسىمدىن پايدىلىنىپ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەھمىيىتىنى بايان قىلىش، پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇھىم مەزمۇن قىلىندى.

ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، زىددىيەت ئەڭ گەۋدىلىك بولغان جايلاردىن باشلاپ ئىسلاھ قىلىش؛ چىتلاقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئامما ئەڭ ئارزۇ قىلغان ساھەلەردىن باشلاپ ئىسلاھ قىلىش كېرەك. بۇنداق ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

«ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى»، خۇددى باش شۇجى تەكىتلىگەندەك: «خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ».

«قارار»دىكى سۆز - جۈملىلەرگە چوڭقۇر خەلقچىللىق ھېسسىيات سىڭگەن. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش... خەلقنىڭ ئارزۇسى، چەكسىز داغدام يول.

«يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت».

«2029 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغاندا، بۇ قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىي تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: «پۈتۈن پارتىيە <قارار>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر مەقسەتتە ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك».

«ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» تىن «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغا «ئۈزلۈكسىز» دېگەن سۆز قوشۇلدى... تاغ ئېگىز، يول يىراق بولسىمۇ، قەدەمنى شۇنچە مەزمۇت ئېلىشىمىز، شىددەتلىك ئېقىن ۋە خەتەرلىك ساھىلگە دۇچ كەلسەكمۇ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ئىسلاھات ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ ئىش. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ۋە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ كۆركەم قىياپىتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى ئاستا - ئاستا يېيىلماقتا. نەچچە مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش روھى نەچچە ئون يىللىق ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سالاپىتى ۋە خىسلىتىنى مۇجەسسەملىدى، بۈگۈنكى جۇڭگو ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، گۈللىنىشكە تۇتىشىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تېخىمۇ يىراقلارغا ئۇزارتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.