تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچتە بېيجىڭدا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار» يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما، بۇ، ھەم پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بەردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى تەشۋىقات ـ تونۇشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 麦麦提艾力

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.