تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز

− يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا توختالدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، گاۋ لېي، جاڭ يەن

پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى 7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم يولداشلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چۆرىدەپ، چۈشەنچىسى، تەسىراتىنى كەڭ ـ كۇشادە سۆزلىدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى، بۇ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەشەببۇسكار تاللاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى يارىتىمىز.

ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ كۆركەم قىياپىتى.

مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز ئىرادە ۋە غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر قاتار تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سى بەرپا قىلىنىپ، ھەيۋەتلىك ھەم ئېنىق، كونكرېت بولغان ئىسلاھات يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى.

يى ليەنخۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 11 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان مۇقەددىمىسىنى ئاچتى؛ پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى بىزنى يېتەكلەپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىگە باشلاپ كىردى؛ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى مۇھىم ھەم چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە، دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە.

تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىپ يىراققا يۈرۈش قىلىش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كەلدى، يەنە ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇردۇق. يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز، بولۇپمۇ تۈزۈلمە ـ مېخانىزم جەھەتتىكى توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىشىمىز كېرەك.

«يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرقايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك، ئىسلاھات قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى شۇنچە ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ <ھالقىلىق تۇتقا>نى چىڭ تۇتۇپ، باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.» خەن ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى تېزدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بازار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار رىقابىتى قائىدىسىنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» ھەم «تىزگىنلەپ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە.

مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىندا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، ماكرو جەھەتتىن كۆزلەش، مىكرو جەھەتتىن قول سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرىمىز».

جېڭ شەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە تولۇق كۈچەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز، ھۆكۈمەتنى بازارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەم يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز ھەم ئىسلاھات ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك؛ ماكرو ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆزلىمە باشقۇرۇش مېخانىزمى بىلەن ماكرو سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مالىيە، پۇل، كەسىپ، باھا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر ماكرو سىياسەتلەرنىڭ ماس كۈچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك؛ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئىسلاھاتچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن خېجۈن مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر كۆزىتىلىپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېڭى نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنى كۈتۈۋېلىش، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، تاشقى خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

«بىز پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەشكىلىي شەكلى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە ـ مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈن زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، پۈتۈن ساھەنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇش، بەزى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك» دېدى يىن خېجۈن.

مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 4 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا يەنە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بەرپا قىلىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە گۇاڭدۇڭنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار».

ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: گۇاڭدۇڭ پۈتۈن جەريانلىق يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، «نۆلدىن بىرگىچە» بولغان دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى چۆرىدەپ، ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، «بىردىن ئونغىچە» بولغان يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە «10دىن 100 گىچە» بولغان كەسىپلەشتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم ئۇقۇم دەلىللەش مەركىزى ۋە ئوتتۇرا باسقۇچتا سىناق قىلىش سۇپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، گۇاڭدۇڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

ئېچىۋېتىش بىلەن ئىسلاھات ئەزەلدىن بىر ـ بىرىگە ھەمراھ بولۇپ بارلىققا كەلگەن، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى.

مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا جەزمەن سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يەنىمۇ تەكىتلەندى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېچىۋېتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى.

ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىقلاردا ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، تەرتىپ، قائىدە ـ تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەمنى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىچە ئېچىۋېتىش پايدىسىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

«بىز <جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش> داڭلىق ماركىسىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، پاسسىپ تىزىملىكتىكى <ئېلىش ئۇسۇلى>، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىدىكى <قوشۇش ئۇسۇلى>نى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىنى يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىنىڭ <كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى>غا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» دېدى ۋاڭ ۋېنتاۋ.

خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات بىر تەندىكى ئىككى قانات، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قوش چاق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ جېڭۋېيسى ليۇ چىڭسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئارمىيەسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە، ھەربىي كۈچنىڭ ۋەزىيەت يارىتىش، كىرىزىسنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋاسىتە ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خەۋپسىزلىك كاپالىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى.

«شەرقىي قىسىم تەرەپ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە جايلاشقان، شۇنداقلا ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم تەجرىبە مەيدانى، بىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىگە پائال سىڭىشىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى يىرىك پىلانى بويىچە، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە جەڭگىۋار كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىمىز» دېدى ليۇ چىڭسۇڭ.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، خەلق ھەممىدىن ئەلا.

ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىل، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رىزۋانگۈل ساۋۇت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

«بۇ يىللاردا، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىزنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى، ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى، پۇقرالارنىڭ بىر قاتار <بەخت تىزىملىكى>مۇ ئىسلاھاتنىڭ <نەتىجە تىزىملىكى>.» رىزۋانگۈل ساۋۇت مۇنداق دېدى: خىزمەت ئورنۇمغا قايتقاندىن كېيىن، مەن بىرىنچى ۋاقىتتا مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلاردىن ئاساسىي قاتلام ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسىنى تېپىپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىشتىكى ھەربىر كىچىك ئىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاھالىلەرنىڭ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 麦麦提艾力

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.