تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى ئابىدە تىكلەندى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ ـ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىشنى قايتا جاكارلاش بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما زىچ چۆرىدىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى تولۇق نامايان قىلدى. «قارار»دا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم تۈزۈلمە ـ مېخانىزم مەسىلىلىرى كۈچەپ چىڭ تۇتۇلۇپ ئىسلاھات پىلانلاندى، ئۇنىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، تەدبىرلەر ئەمەلىي، قوللىنىشچان، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. پارتىيە 11 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى. پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل ـ پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتا قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تاياندى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى، بۇنىڭدا يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تاياندۇق. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىش كېرەك.

پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك يېپيېڭى ئىش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جەزمەن تۈرلۈك زىددىيەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز. چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى ـ تاشقى ۋەزىيەت، يېڭى نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ ـ ئارمانلىرى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش شەرت. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. پۈتۈن پارتىيە ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى شەرت.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى، مۇھىم پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىسلاھات مۇھىم تەدبىرلىرى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرغاندا، بىز چوقۇم 2035 ـ يىلىغىچە بولغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالالايمىز.

پارتىيە رەھبەرلىكى − يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كەلدى، يەنە ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 麦麦提艾力

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.