تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بىر ماقالە بىلەنلا چۈشىنىسىز! ئىلىدىكى يايلاقلارنى زادى قانداق تاللايمىز؟

   ھەر يىلى يازدا، ئىلى شىنجاڭدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرىدۇر.

   ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كىلىمات شارائىتى ئىلىنىڭ كۆپ خىل يايلاق تىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە.

   ۋاقىت چەكلىك بولغان ئەھۋالدا ئىلىدىكى نارات، قارجون، چاچى،  كۆندەلەڭ، چوڭقۇشتاي، تاڭبالىدىن ئىبارەت ساياھەتتىكى ئەڭ ئاۋات ئالتە چوڭ يايلاقنىڭ قايسىسىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قانداق تاللاش كېرەك؟ قانداق پەرقى بار؟ بۇ ماقالىدىن چۈشىنىسىز.

01

شىنجاڭ نارات دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى

ئائىلە ساياھىتىدىكى ئالدىن تاللاش 

   شىنجاڭ نارات دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ئىلىدىكى ھەرقايسى جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەن، بىرقەدەر كونا مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئاساسلىقى بوشلۇقتىكى يايلاق، پەنلۇڭ جىلغىسى يولى ۋە دەريا ۋادىسى يايلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايونغا بۆلۈنىدۇ، ئىنتايىن مول مەنزىرىلەرگە ئىگە، مەنزىرە رايونىدىكى «كۆچمەن چارۋىچىلار» سىزنىڭ شىنجاڭ يايلاقلىرىغا بولغان بارلىق تەسەۋۋۇرىڭىزنى قاندۇرىدۇ.

   مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى چوڭ، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، رايونلار ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل، بېلەت سېتىۋېلىش يولى، تاماق، ياتاق قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى قولايلىق، كىچىك دوستلار ۋە ياشانغانلارنى ئېلىپ ساياھەتكە چىققاندا ناراتنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئىمكانقەدەر ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بېلىتىنى زاكاز قىلىڭ، چوڭ دائىرىدە ساياھەت قىلالايسىز (رايونلار ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل پەقەت مەنزىرە رايونىدىكى توختاش نۇقتىسىدا توختايدۇ، ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلسىڭىز تېخىمۇ ئەركىن ساياھەت قىلالايسىز).

02

قاراجون مەنزىرە رايونى

قىسقا مۇساپىلىك دالىدا پىيادە مېڭىپ ساياھەت قىلىشتىكى ئالدىن تاللاش ھېسابلىنىدۇ

   قاراجون يايلىقى، مەنزىرە رايونى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەنزىرە رايونىغا بۆلۈنىدۇ، شەرقىي قاراجون يايلاق چارۋىچىلىق مەيدانى («جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى»دە ماختالغان ئىستېرېئولۇق يايلاق)نى ئاساس قىلىدۇ، غەربىي قاراجۈن كۆكسۇ جىلغىسىنى ئاساس قىلىدۇ.

   مەنزىرە رايونىدىكى گۈل تەكچىسىدىن بۈركۈت تەكچىسىگىچە پىيادە مېڭىشقا بولىدىغان ئاسما يول بار (ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كىرىشكە بولمايدۇ، ئەمما ۋەننا مۇلازىمەت مەركىزىدە رايونلار ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىلغا ھەقسىز ئالمىشىپ ئىچىگە كىرىشكە بولىدۇ)، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە 3-2 سائەت كېتىدۇ، يول بويلاپ قاراجوننىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن تاماشا قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، بىپايان يايلاق ۋە پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

03

چاچى دۆلەت ئورمان باغچىسى

پۈتۈن مۇساپىدە يېنىك تىپتىكى دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ساياھەت قىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ

   «گۈزەل بوستانلىق ئىلىدا، ئەڭ چىرايلىق مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى چاچىدا.» چاچى ئىلىدىكى ئەڭ بالدۇر كۆكىرىدىغان جاي بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا بولىدۇ.

   ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تىيانشان تاغ تىزمىسى، نۇر بىلەن سايە گىرەلىشىپ كەتكەن قارلىق تاغ شەمشادى، سۈزۈك ئېقىن سۇلار ۋە شارقىراتما چاچى يايلىقىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 

   بۇ يەردىكى داكا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي «چاچىدىكى يۆگىمە رەسىم» بولۇپ، بېرىشتا ئالدىنقى بۆلەك يولنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا چەك قويۇلمايدۇ، كېيىنكى يېرىم بۆلەكنىڭ جەۋھىرى بولغان 30 كىلومېتىرلىق چاچى-تارىم ئورمان باغچىسى ئايلانما لىنىيەسىنىڭ يول ئەھۋالى بىرقەدەر مۇرەككەپ، كۆپ قىسمى سۇنى كېچىپ ئۆتىدىغان يول بۆلەكلىرى بولۇپ، ئاپتوموبىل تىپىنى ناھايىتى تاللايدۇ (ئاپتوموبىلنىڭ تېگى ئېگىزرەك بولغان دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كىرىش تەكلىپى بېرىلىدۇ)، بۇ جايدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

04

كۆلدەنەڭ

گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولۇپلا قالماي، سالقىندىغىلى بولىدۇ

   كۆلدەنەڭ جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون چوڭ ئورمانلىقنىڭ بېشى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇ چاچى يايلىقىدىن باشقا، بىرقەدەر بالدۇر كۆكىرىدىغان يايلاقلارنىڭ بىرى. ئادەم ئاز، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش، دالىدا قونۇش، دالا تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى چوقۇم داكا قىلىدىغان جاي. (كۆلدەنەڭ ئوتتۇرا جىلغىسىنىڭ دالىدا قونۇش مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل، ئاپتوموبىللار بۇ يەرگە يېتىپ بارالايدۇ، دەريا ئېقىنى بويىدا بولۇپ، سۇ ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى قولايلىق)

   بۇ يەر يەنە تىيانشان تاغ تىزمىسىدىكى ئورمان ئەڭ بۈك-باراقسان جاي بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە جەنۇب-شىمال يۆنىلىشى، بۇ جايدا ئۆسكەن قويۇق قارلىق تاغ شەمشادلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىنى توسۇپ، بۇ يەرنىڭ قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولغان كىلىماتىنى شەكىللەندۈرگەن، دېمەك، بۇنىڭ بىلەن يازدا سالقىندايدىغان ياخشى جايدىن يەنە بىرى كۆپەيدى!

   كۆلدەنەڭدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بۆلىكى چىمېڭدې مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى (ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بارغىلى بولمايدۇ، ئاپتوموبىلنى چىمېڭدې ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختاتقاندىن كېيىن پىيادە ياكى ئاتلىق بېرىشقا بولىدۇ)، ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ ماڭغاندا، تاغنى قاپلىغان كىچىك سېرىق گۈللەر بىلەن يىراقتىكى ئورمان، قارلىق تاغ خۇددى بىر رامكىغا ئېلىنغاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل.

   ئەگەر ۋاقىت يېتەرلىك بولسا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ يەردىكى دالا ئارامگاھى (ئالدى بىلەن قازان چوققىسى لاگىرى، بورۇي لاگىرى)دا بىر ئاخشام قونۇپ، كۈن پېتىشنى كۆرۈپ، كۈن چىقىشنى ساقلاپ، ئورمانلىقنىڭ ئۆزگىچە جىمجىتلىقىنى ھېس قىلىپ بېقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

05 

چوڭقۇشتاي

ئادەم ئاز، ھەقسىز، پىيادە ئىچكىرلەپ مېڭىشتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ

    ئەگەر سىز ئادەملەرنىڭ قىستاڭچىلىقىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ، ئادەم ئاز، ھەقسىز مەنزىرە نۇقتىسىغا ئىنتىلگەن بولسىڭىز، چوڭقۇشتايغا كېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ يەر ئەمەلىيەتتە بىر گۈزەل، ئاددىي-ساددا كىچىك كەنت بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى تاغنىڭ ئارقىسىدا. 

   يول بويى ھەر قەدەمدە بىر مەنزىرىنى كۆرەلەيسىز، يەنە نۇرغۇن داكا نۇقتىلىرى بار. بىپايان يايلاق، توپ-توپ قوي-كالىلار، شىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى، ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك كىچىك ياغاچ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز.

    بۇ يەردە نۇرغۇن ئائىلىۋى مېھمانخانىنى تاللىيالايسىز، ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا نەزەر سالسىڭىز، ئورمان، يايلاقلار كۆز ئالدىڭىزدىكىدەكلا، يەنە نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىمۇ ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ناھايىتى قولايلىق.

   ئات مىنىپ ياكى پىيادە تاغقا چىقىشقا توغرا كەلسە (ئاپتوموبىللار كىرەلمەيدۇ)، بېرىپ كېلىش مۇساپىسى ئالتە سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، جىسمانىي كۈچىڭىزنى سىنايدۇ. 

   بۇ يەر ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنىڭ شىمالىي كىرىش ئېغىزى، شۇڭا بۇ يەر تەجرىبىلىك پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى ئالدىن تاللايدىغان جاي.

06

تاڭبالى مەنزىرە رايونى

چوقۇم داكا قىلىدىغان «بوشلۇق شەھىرى»

   ئەزەلدىن «يۈز چاقىرىملىق يۆگىمە رەسىم، تەبىئىي رەسىم كارىدورى» دەيدىغان گۈزەل نامى بار تاڭبالى مەنزىرە رايونىغا كەلسىڭىز، گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشاللىققا چۆمىسىز. قارلىق تاغ، شەمشاد، ئېگىز تاغ، تەكشى كەتكەن كۆل، ئارشاڭ، دەريا، گۈل... ئامىللار ھەقىقەتەن بەك كۆپ!

   مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ جەۋھىرى يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى، شيەننۈخۇ كۆلى ۋە مېڭكېت قەدىمىي يولى بولۇپ، شيەننۈخۇ كۆلى يايلاقنىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇنغان، ئات مىنىپ ياكى پىيادە بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. (شيەننۈخۇ كۆلىنىڭ ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق، بېرىپ كېلىشكە بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ) 

 بۇ يەردىكى يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىنى قانداق تەسۋىرلەش كېرەك؟ ھەيران قالارلىق، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، چەكسىز گۈزەل، كېتىدىغان خىراجەت ئاز، ئەمما ساياھەت قىممىتى يۇقىرى، قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان شىنجاڭ نۇسخىسىدىكى «بوشلۇق شەھىرى»دۇر.

بۇ گۈزەل يايلاقلارنى ساياھەت قىلىشنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.