تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى ئۆتمەكتە»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

    يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى قوتان كەنتىدىكى گو يۈرۇڭنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئەنجۈر، تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ئۈستەلگە لىق تىزىلغانلىقىنى كۆردۈم. «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى ئەكەلگەن، ئۇلار يەنە دائىم بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ». گو يۈرۇڭنىڭ قوتان كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ كېۋەز تېرىۋاتقىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغانىدى.

  7-ئاينىڭ 9-كۈنى، گو يۈرۇڭ ئېتىزلىققا بېرىپ كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقىپ تۇرۇشىغا نۇرئەلى يۈسۈپ ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۆيىدە لەڭمەن ئەتكەنلىكىنى، بېرىپ يەپ كېلىشىنى ئېيتتى.

  «مەن بۇ كەنتنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز». گو يۈرۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئىزچىل ساۋەن شەھىرىدە يەر ھۆددە ئېلىپ كېۋەز تېرىيتتىم، كېۋەز تېرىش-پەرۋىش قىلىش جەھەتتە مول تەجرىبەم بار. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئەسلىدىكى ھۆددە يەر توختامىنىڭ مۇددىتى توشتى، مەن قوتان كەنتىگە كېلىپ، 800 مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ داۋاملىق كېۋەز تېرىدىم.

  قوتان كەنتىگە يېڭى كەلگەندە، تېرىغان كېۋەز ياخشى ئۆسكەچكە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى كېلىپ «ئېكسكۇرسىيە» قىلىشقا جەلپ قىلدى. گو يۈرۇڭ نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىدا پەرۋىشكە سەل قارىغاچقا، مو بېشىدىن ئاران يۈز نەچچە كىلوگىرام ھوسۇل ئالالايدىغانلىقىنى بايقاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇندى.

  ئۇ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تېخنىكا ئۆگەتتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ئارىيەتكە بەردى، ئوغۇتلاش ۋە دورا چېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى چۈشەندۈردى... تەدرىجىي ھالدا، ئۇنىڭدىن تەلىم سوراپ كېلىدىغان كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گو يۈرۇڭ كەنتتىكى كېۋەز تېرىقچىلىقى تېخنىكا مەسلىھەتچىسىگە ئايلاندى. «كەنتكە يېڭى كەلگەندە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھېچكىمنى تونۇمايتتۇق، كەنت ئاھالىلىرى بىزگە ياردەم قىلغان، ھازىر ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرالىغىنىمىزدىن بىز ئىنتايىن خۇشال» دېدى گو يۈرۇڭ.

   «ئائىلىمىزدە پەقەت ئالتە مو كېۋەزلىك بار، ئىلگىرى ھەر مو يەردىن چىقىدىغان ھوسۇل ئارانلا يۈز نەچچە كىلوگىرام كېلەتتى، ئۇ ماڭا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەندىن كېيىن، بۇلتۇر مو بېشى ھوسۇلى ھەسسىلەندى، بۇ يىل چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.» كەنت ئاھالىسى ئىسمايىل توخسۇن مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن كەنتتە گو يۈرۇڭنىڭ كېۋەز تېرىش ماھىرى ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان، چۈنكى ئىككى ئائىلىنىڭ كېۋەزلىكىمىز قوشنا بولسىمۇ، كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى، شۇڭا مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالدىم، ئويلىمىغان يەردىن گو يۈرۇڭ ماڭا تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە كەڭ قورساقلىق بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ئارىيەتكە بېرىپ تۇردى. 

   كەنت ئاھالىسى مەمەتئېلى توخسۇننىڭ ئائىلىسىدىكى 15 مو كېۋەزلىكتىن ئۇزاققىچە مايسا ئۈنمىدى، گو يۈرۇڭ بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېڭى ئۇرۇق ئەكىلىپ بېرىپ، قايتىدىن تېرىپ زىياننى ۋاقتىدا ئازايتىش تەكلىپى بەردى. «ئۇنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، ئۇرۇق تېرىش، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ئورنىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا يېڭىدىن باشلىدۇق، قاراڭە، ھازىر كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى شۇنداق ياخشى» دېدى مەمەتئېلى غوزەكلەش مەزگىلىگە كىرگەن كېۋەزلىكىنى كۆرسەتكەچ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن.

  «ئالدىنقى يىلى ئائىلىمىزنىڭ ئون نەچچە مو كېۋەزلىكى بار ئىدى، مو بېشىدىن 100 كىلوگىرام ھوسۇل ئالاتتۇق، بۇلتۇر ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، مو بېشى ھوسۇلىمىز 300 كىلوگىرامغا يەتتى، بۇ يىل يەنە 60 مو يەرنى كۆپەيتىپ ھۆددە ئالدىم» دېدى كەنت ئاھالىسى نۇرئەلى يۈسۈپ.

   كەنتتىكى كېۋەزلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشتى، گو يۈرۇڭمۇ چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، كىمنىڭ ئائىلىسىدە ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.» گو يۈرۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم بوراندىن كېيىن، سۇلياۋ يوپۇقلار بوراندا تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكەنىدى، مەن ئېتىزلىققا بارغاندا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئېتىزلىقىمغا كېلىپ ياردەملىشىپ يوپۇق يىغىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.

   گو يۈرۇڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: بېشىمنى ئەڭ «قاتۇرىدىغىنى» بايرام، چۈنكى مېنى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىدۇ، ھەر قېتىملىق بايرامنىڭ ھەممىسىدە نەچچە ۋاق تاماق يەيمەن. «بۇ كەنتكە كېلىپ، خۇددى بىر چوڭ ئائىلىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى ئۆتمەكتە» دېدى گو يۈرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.