تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرىدا نېلۇپەرلەر پورەكلەپ ئېچىلدى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ ۋېي خەۋىرى) «تۇتاش كەتكەن نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى زۇمرەتتەك ياپيېشىل بولۇپ، كۈن نۇرىدا نېلۇپەر گۈلى ئۆزگىچە قىزىل كۆرۈنىدۇ»، بۇنداق مەنزىرىنى ئادەتتە جياڭنەندىلا كۆرگىلى بولاتتى، ھالبۇكى، سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى يىڭفېڭ كەنتىدىكى 100 مولۇق نېلۇپەر بازىسىدا، نېلۇپەر گۈلى تومۇز كۈنلىرى باشلانغاندىن كېيىن راسا پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. 

ھال رەڭلىك نېلۇپەر گۈلى كەڭ كۆلەمدە پورەكلەپ ئېچىلدى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر 100 مولۇق نېلۇپەر بازىسىغا باردى، ھال رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك نېلۇپەر گۈللىرى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، تومۇز ئىسسىققا گۈزەل مەنزىرە بېغىشلاپ، كىشىنى جياڭنەنگە بېرىپ قالغاندەك خاتا تۇيغۇغا كەلتۈردى.

بىر تال نېلۇپەر ئالىچىپار دەرەخ سايىسىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇراتتى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

   «بىز 2019-يىلى بۇ بازىنى قۇرغان، ھازىر جەمئىي 150 مو يەرگە نېلۇپەر تېرىدۇق، بۇلتۇر 150 توننىغا يېقىن نېلۇپەر يىغىۋالدۇق» دېدى بازىنىڭ مەسئۇلى ياڭ بياۋ مۇخبىرغا، «ھازىر دەل نېلۇپەر پورەكلەپ ئېچىلىدىغان مەزگىل، ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 100دەك ئادەم بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئادەم كۆپ بولغاندا مىڭدىن ئاشىدۇ».

بىر نەچچە ساياھەتچى نېلۇپەر كۆلى بويىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياڭ بياۋ يەنە ئانار بۇلۇت ئابونچىلار تېرمىنالى ئارقىلىق نېلۇپەر گۈلىنى كۆرگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرگە نېلۇپەر كۆلچىكىدە لاي-لاتقىنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى، سۇغا چۈشمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، چۈشتىن بۇرۇن نېلۇپەر گۈلى ئېچىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت، چۈشتىن كېيىن نېلۇپەر گۈلى ئاستا-ئاستا يېپىلىدۇ، گۈل سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغان ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دىن بۇرۇن نېلۇپەر گۈلىنى تاللىسا بولىدۇ. 

بىر ھەسەل ھەرىسى پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەرگە قاراپ ئۇچماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

 قۇياش نۇرى گۈل بەرگىدىن ئۆتۈپ بىر پارچە ئۇچقۇنسىمان نۇر  ھاسىل قىلدى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

 بىر نەچچە ئۆردەك نېلۇپەر كۆلى بويىدا بەخىرامان سۇ ئۈزمەكتە.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

 بىر تال نېلۇپەر نېلۇپەر چىنىسىنىڭ يېنىدا پورەكلەپ ئېچىلغانىدى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

 بىر نەچچە تال ئاق رەڭلىك نېلۇپەر گۈلى تولۇق ئېچىلغانىدى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بىر خان تاجىغا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.