تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

شەمسىيە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانى باشلاندى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ) ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ قىزىل تاش خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى شەمسىيە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندىنىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانى باشلاندى. 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئىقتىسادىي ياردەم ئىلتىماسى تاپشۇرسا بولىدۇ.

   بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ شەرتى: شىنجاڭ دائىرىسىدە 2024-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم،تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم نومۇر سىزىقىدىن ئاشقان، ھەمدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار؛ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، تولۇق كۇرس ياكى ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانىدا جەمئىي 30 سان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى 3000 يۈەن ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئىقتىسادىي ياردىمىگە، شۇنداقلا زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. 

    پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىردەك توردا تىزىملىتىش ئۇلانمىسى http://lxi.me/77mri گە كىرىپ ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. تىزىملىتىش ماتېرىيالى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى قەغىزى، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىزاھاتى، مېيىپلىك ئىسپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ قىزىل تاش خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى كەسپىي ئۆمەك تەشكىللەپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بېكىتىلگەن ياردەم بېرىش ئىسىملىكى بۇ فوند جەمئىيىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلمەكچى بولغان ئاتا-ئانىلار ياكى ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ قىزىل تاش خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. تېلېفون نومۇرى: 8860072 - 0991.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.