تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

جۇش ئۇرۇۋاتقان ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېڭىلىق يارىتىش سەپىرى

 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، كومبايىن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجيېگوۋ بازىرى ياۋجەنزى كەنتىدە بۇغداي ئورىماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدىكى 561 مىڭ 100 مو يەردىكى بۇغداي ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلار جىددىي  ئورما ئورۇپ، بىر تال داننىمۇ قالدۇرماي ئامبارغا تۇلۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قىرىققۇدۇق شامال ئېلېكتىر پىلانى رايونىغا جايلاشقان 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ساقلاش مەيدانى تۈرىگە بوشلۇقتىن نەزەر(7-ئاينىڭ 16- كۈنى تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدىكى قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمى 4 مىليون 900 مىڭ كىلوۋاتقا، پۈتكەن گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى كۆلىمى 6 مىليون 80 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترو چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خادىملىرى تۆۋەن بېسىملىق ئاپتوماتىك مېتال ياپراقچە ئوراش رايونىدا مەشغۇلات قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىسى 4-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 15 كۈنلۈك سىناق مەشغۇلات باسقۇچىغا كىردى، 8-ئايدا بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بارلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى شاڭجۇاڭزى كەنتىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى توردا شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكتە.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا، شوپۇرسىز كان ئاپتوموبىلى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. 2023-يىلى بۇ كۆمۈر كان شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ 100 توننىلىق شوپۇرسىز كان ئاپتوموبىلىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، كاننىڭ «ئاز ئادەملىك» «ئادەمسىز» مەشغۇلات يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

  سانجى شەھىرى تىڭجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېشىل جىلغىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى ۋە كۆركەم مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ(7-ئاينىڭ 15-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

      ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل 

     7-ئاينىڭ 15-كۈنى، 2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا يېتىپ كەلدى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر سانجى ئوبلاستىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئەمەلىيىتىدىكى «ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست» نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتقان كۈچلۈك تومۇرىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

    ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش پەن-تېخنىكا كەسىپلەر رايونىدا، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسالغان، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق ياساش تېخنىكىلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى؛ شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ بۇغدا كۆلى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىغا كىرگەندە، موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان شوپۇرسىز كان ئاپتوموبىللىرى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى؛ بۇغداي باشاقلىرى خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجيېگوۋ بازىرى ياۋجەنزى كەنتىدە، باشاق-باشاق بۇغدايلار ئېتىزلىقتىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىپ، زىيانسىز بولۇشنى ئاساس قىلغان، 1-،2-،3-كەسىپ يۇغۇرۇلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى؛ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسى يۆلياڭدى كەنتىدە سەيلە قىلىۋاتقاندا، كەنت ئاھالىلىرىدىن ئىشىك ئالدىدىلا «ئالتۇن تاۋاق»قا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغىلى بولاتتى...

    يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. بۈگۈنكى كۈندە، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئەمەلىيىتىدىكى «ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى باشلامچى رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستى ئۈزلۈكسىز يېڭى رىقابەت يولىنى ئىگىلەپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يارىتىپ، يېڭى ئەۋزەللىك بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

سۈرەتنى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن، ئىختىيارىي مۇخبىر خې لۇڭ تارتقان

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.