تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

خەلق تۇرمۇشى لىنىيەسى | ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشسا، پېنسىيەگە چىقىشنى كۈتۈپ تۇرسا بولامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى: كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدۇ!

     رىياسەتچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي 

     مېھمان: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى

     كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ھەر بىر كىشىنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشسا، پېنسىيەگە چىقىشنى كۈتۈپ تۇرسا بولامدۇ؟ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان، ئەمما ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلغا توشمىغان بولسا، داۋاملىق ھەق تاپشۇرامدۇ؟ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار يولۇققان تۈرلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەسىلىسىگە قارىتا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى.

     سوئال: جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقاندا، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلغا توشمىسا(ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان يىل چېكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قانداق قىلىش كېرەك؟

    جاۋاب: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان، ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشمىغان بولسا، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتىنى بەش يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى بەش يىل ئۇزارتىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا 15 يىلغا توشمىغان بولسا، بىر قېتىمدىلا 15 يىلغا يەتكۈزۈپ تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، ئاي بويىچە كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ.

      «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان، ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشمىغان بولسا، ئاي بويىچە ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشقاندىن كېيىن، ئاندىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى ئالسا بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان، كارخانا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرغىنىغا 15 يىل توشمىغان بولسا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكەپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكەلمىگەن بولسا، شەخسلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى يازما ئىلتىماس قىلىپ، شەخسىي ئىسچوتتىكى ئامانەت سوممىسىنى شۇ كىشىگە بىر قېتىمدىلا بەرسىمۇ بولىدۇ.

    سوئال: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشسا(ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان يىل چېكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قايتا ھەق تاپشۇرمىسىمۇ بولامدۇ؟ بۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ھېسابلاپ تارقىتىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  ​  جاۋاب: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشۇش كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىنىڭ بىرى، يەنى ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى. كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئالىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. 15 يىل توشقاندىن كېيىن، ئەگەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرمىسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تەمىناتى بەك تۆۋەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئىدارىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئىدارىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشنى خالىماي، ئىدارە بىلەن ۋاز كېچىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرماسلىققا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۆزى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىممۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

     سوئال: كارخانا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان شەخس قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكىمۇ توشقان بولسا، پېنسىيەگە چىقىشنى قانداق بېجىرىش كېرەك؟

   جاۋاب: پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن پېنسىيە تەمىناتىنى ئېلىش ئورنىنى بېكىتىش كېرەك، دۆلەتنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پېنسىيە تەمىناتىنى قەيەردە ئېلىشى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمىسى بار:

     ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا بولسا، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي تەمىنات ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛

    ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا بولماي، ئۇنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق جايدا جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 10 يىلغا توشسا، شۇ جايدا تەمىنات ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى شۇ جايغا يۆتكەشكە بولىدۇ؛

     ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق جايدا جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 10 يىلغا توشمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 10 يىلغا توشقان ئەسلىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايغا يۆتكىلىپ، تەمىنات ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ، شۇ جاينىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛

    ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 10 يىلغا توشمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى ۋە مۇناسىپ مەبلىغى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا جۇغلىنىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي بەلگىلىمە بويىچە تەمىنات ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

     سوئال: سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەخسلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە، كونكرېت قەيەردە بېجىرىدۇ؟ قانداق ماتېرىياللارنى تەييارلايدۇ؟

    جاۋاب: كادىرلار ئارخىپى يوق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئەگەر توردا بېجىرسە، ئالدى بىلەن تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىگە بېرىپ تۇرۇشلۇق جاينى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ، ئاندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان رايون(ناھىيە)لۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركىزىگە بېرىپ پېنسىيەگە چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ. 

    توردا شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى ياكى ۋىيشىن كىچىك پىرۇگراممىسىغا بىۋاسىتە كىرىپ پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن مەھەللىگە بېرىپ تۇرۇشلۇق جاينى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش ھاجەتسىز.

    ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىدارىدىن پېنسىيەگە چىققان بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئالدى بىلەن مەھەللىگە بېرىپ تۇرۇشلۇق جايىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئاندىن ئىدارىدىكى ئەمگەك-ئىش ھەققى خادىملىرىنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسىدا پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ.

     كادىرلار ئارخىپى بولسا ياكى خىزمەت ئىستاژىنى بېكىتىش، كېسەل سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقىش، ئالاھىدە ئىش تۈرى بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى(يىمىن سارىيى A كورپۇس)نىڭ 1-قەۋەت B رايونىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت كۆزنىكىگە بېرىپ مۇناسىپ كەسىپلەرنى بېجىرىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.