ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭگو ھاۋارايى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، فۇكاڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، سانجى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قارا يامغۇردىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قارا يامغۇردىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قارا يامغۇردىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 7دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، فۇكاڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى دەرىجىسىنى قارا يامغۇر قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا كۆتۈردى: ھازىر، فۇكاڭ جيۇيۈنجيې كوچىسى تاۋيۈەن پونكىتىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.0 مىللىمېتىرغا، سىگۇڭخې پونكىتىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى 38.8 مىللىمېتىرغا يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ سائەتتە فۇكاڭ شەھىرىدىكى تۈزلەڭلىكنىڭ غەربىي قىسمى ۋە سەنگۇڭخې يېزىسىدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا ھۆل-يىغىن مىقدارى 48.1 مىللىمېتىردىن ئاشىدىكەن، كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ھاۋارايى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىكەن، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ، يەر يۈزىگە سۇ يىغىلىپ قالدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 6دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، سانجى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى 12 سائەتتە سانجى شەھىرىنىڭ جامبۇلات، سارباستاۋ، ليۇخۇاڭگۇ، مياۋئېرگۇ ئەتراپىدىكى قىسمەن تاغلىق رايوندا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ھاۋارايى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى