تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ يارىلانسا، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ؟

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ يارىلانسا، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ؟

ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە قايسى ماتېرىياللارنى تەييارلاش كېرەك؟

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن

«خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەئىتى،

ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش ھەرىكىتىدە يارىلىنىپ»

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر ئىشتا يارىلانغانلار دەپ قارىلىدۇ

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 18-ماددىسى ۋە

«ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە

ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇش كېرەك


     بۇ، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىلتىماس جەدۋىلى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى (ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللار، داۋالاش دىياگنوزى ئىسپاتى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


    قانۇن-نىزام ئۇلانمىسى

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»

   15-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىشتا يارىلىنىش دەپ قارىلىدۇ:

   (1) خىزمەت ۋاقتىدا ۋە خىزمەت ئورنىدا، تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتسە ياكى 48 سائەت ئىچىدە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتسە؛

   (2) خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش ھەرىكىتىدە يارىلانغان بولسا؛

  (3) ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەسلى ئارمىيەدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقاندا، ئۇرۇش، خىزمەت مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان ھەم ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلىك كېنىشكىسى ئالغان ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەلگەندىن كېيىن كونا يارىسى قوزغىلىپ قالغان بولسا.

   ئىشچى-خىزمەتچىلەردە ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدىكى ئەھۋاللار بولسا، بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەردە ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى ئەھۋال بولسا، بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلىدىن باشقا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    18-ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

   (1) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىلتىماس جەدۋىلى؛

   (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى (ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللار؛ 

   (3) داۋالاش دىياگنوزى ئىسپاتى ياكى كەسپىي كېسەللىك دىياگنوزى ئىسپاتنامىسى (ياكى كەسپىي كېسەل دىياگنوز باھانامىسى).

   ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىلتىماس جەدۋىلى ھادىسە يۈزبەرگەن ۋاقىت، ئورۇن، سەۋەب ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يارىلىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك.

  ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ماتېرىياللار تولۇق بولمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى بىر قېتىمدا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى يازما ئۇقتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن ماتېرىياللارنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك.


«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.