تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | توردا ئالقىشلانغان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش «خاسىيەتلىك قورالى»دا يوشۇرۇن خەۋپ بار

مەنبە: پەن - تېخنىكا گېزىتى

ھاۋا پىژغىرىم ئىسسىق، كۆپ خىل تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولماقتا. كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو تەمىنلىگەن سۈرەت

   يېقىندا دۆلىتىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىللار ئاپتاپتا قالغاندىن كېيىن «ساڭنا ئۆيى»گە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى توردا ئالقىشلانغان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسىنىڭ «چايقايمىز، پۈركۈيمىز، بىر سېكۇنتتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، تېز سۈرئەتتە سوۋۇيدۇ» دېگەن تەشۋىقات سۆزى قىزىقتۇردى.

   بۇ خىل تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش «خاسىيەتلىك قورالى» راستتىنلا شۇنچە خاسىيەتلىكمۇ؟      

   مۇخبىر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا «تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسى»نى ئىزدەپ، ھەر خىل نۇسخىلاردىكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك ئىكەنلىكىنى، قىسمەنلىرىنىڭ پۈتۈن توردا سېتىلىش مىقدارىنىڭ 60 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بايقىدى. بىر قۇتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسىنىڭ باھاسى نەچچە يۈەندىن نەچچە ئون يۈەنگىچە بولۇۋاتاتتى.

   پۈتۈن توردىكى سېتىلىش مىقدارى 50 مىڭدىن ئاشقان بىر خىل تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسىنىڭ تاۋار تەپسىلاتى بېتىگە: «بىر سېكۇنتتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ»، «10 سېكۇنتتا مۇز تۇتۇپ كېتىدۇ»، «قەيەرگە پۈركۈمەكچى بولسىڭىز شۇ يەرگە پۈركۈسىڭىز بولىدۇ» دېگەن تەشۋىقات سۆزلىرى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش سورۇنى ئاپتوموبىل رولى، ئورۇندۇق، يۆلەنچۈك، ياستۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. سېتىۋالغۇچى تورغا چىقارغان سىرتقى ئورالمىدىكى سۈرەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىدە بۇتان، پروپان، ئىزوبۇتان، سۇ، ئىسپىرت، ناترىي خلورىد، يالپۇز، مېنتول لاكتات قاتارلىقلار بار ئىكەن.

    ھالبۇكى، توردا ئالقشلانغان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسىنىڭ ئارقىسىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجوۋ رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چى شىڭلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىل پۈركۈمىنىڭ پىرىنسىپى بولسا، يۇقىرى بېسىم ئارقىلىق گازنى مېتال قۇتىدا ساقلاش، ئېتىلىپ چىققان گاز تېز سۈرئەتتە پارغا ئايلىنىپ، ئەتراپتىكى ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈشتىن ئىبارەت.

   «تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسىنى ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىلغا قويۇپ قويۇشنىڭ خەتىرى بىر قەدەر چوڭ.» چى شىڭلۇڭ شۇنداق ئەسكەرتتى: ياز پەسلىدە ئاپتوموبىللار ئاپتاپتا قالسا، ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە پرىبور دىسكىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 80 ~ 70 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسىدىكى بۇتان، پروپان قاتارلىق تەركىبلەر ئاسان يانىدۇ، ئاسان پارتلايدۇ. ئەگەر بۇ خىل بۇيۇملارنى ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىلغا قويۇپ قويغاندا، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قۇتا ئىچىدىكى گاز تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسىنى ئىشلەتكەندە، يەنە ئوت بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   بۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركۈمىسى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا چى شىڭلۇڭ ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت تېرىگە كۆپ مىقداردا پۈركىسە ئۈششۈك يارىسى بولۇپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

   چى شىڭلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياز پەسلىدە قۇياش نۇرى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەندە، پۈركۈمە قۇتىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن بۇيۇملارنى ئاپتوموبىلدا ساقلاشقا بولمايدۇ، مەسىلەن، مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى، ياشانغانلار كۆزەينىكى، گۈل سۈيى ئەتىرى، ئەتىر قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، توكدان، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىدىكى باتارېيەلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا كۆپۈپ قېلىش، پارتلاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇپ قويۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. (مۇخبىر خۇالىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.