تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2024-يىللىق مەملىكەتلىك يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى باشلاندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ جۇاڭ، خې شۇچېن) 2024-يىللىق مەملىكەتلىك يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىدە باشلاندى.

   بۇ يىل، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «مەدەنىيەت-ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خۇشال قىلىش، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش»نى باش تېما قىلىپ، پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. پائالىيەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە 2024-يىللىق مەملىكەتلىك يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى ئۆتكۈزۈپ، جايلارنى يازلىق تەتىللىك ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار خاس مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى، يېڭىچە ئىستېمال ھالىتى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.

    ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت جەمئىيىتى، جۇڭگو ئويۇن قويۇش كەسپى جەمئىيىتى «ئتومۇز ئىسسىقتا سالقىنداشتىكى ياخشى جاي» «ئويۇن قويۇشقا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» قاتارلىق يازلىق تەتىللىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار 4000 دىن ئارتۇق تۈردىكى تەخمىنەن 37 مىڭ مەيدان قېتىم مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كېچىلىك ساياھەت، سالقىنداش ساياھىتى، ئاتا-بالا ساياھىتى، تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىق ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى چۆرىدەپ، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، ئىستېمال بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە ھەقنى كېمەيتىش، ئېتىبار يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، دېڭىز ساھىلى، سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى، تىياتىر بايرىمى، مۇزىكا بايرىمى، سەنئەت بايرىمى، كارتون بايرىمى، ناخشا كېچىلىكى، كۆرگەزمە، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمال ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتىدىكەن.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.