تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭدا ئۈچ كۈن ئىچىدە ئامبۇلاتورىيەدە قايتا كۆرۈنسە نومۇر ھەققى ئالماسلىق سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە نومۇر ئېلىش ھەم كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقىتىلدى، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە، مەخسۇس كېسەل ئامبۇلاتورىيەسى، مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە قايتا دىياگنوز قويدۇرىدىغان ئاغرىقلار (ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدىن مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتورىيەسىگە يۆتكەلگەن ئاغرىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) كېسىلىنى دەسلەپتە كۆرسەتكەندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر قېتىم ئامبۇلاتورىيە تەكشۈرۈش ھەققى (نومۇر ئېلىش ھەققى) تاپشۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ، ئامبۇلاتورىيەدە ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىكى يېڭى تەسىراتلىرىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ.

    «يولغا قويۇش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نىڭ دائىرىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى (جۇڭيى دوختۇرخانىسى، ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، بالىلار دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىيەت كۈچلىرى قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

    بۇ سىياسەت كېسەل كۆرسەتكەن كۈنى سىناش- تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالالمىغانلىقتىن، ئىشتىن كېيىن سىناش- تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىۋېلىپ ئوخشاش بىر دوختۇرخانىنىڭ ئوخشاش بىر دوختۇرخانا رايونى، ئوخشاش بىر بۆلۈمىدىكى دوختۇرنىڭ داۋاملىق دىياگنوز قويۇشى ۋە تېببىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدىغان ئاغرىقلارغا ماس كېلىدۇ، كۆپ پەنلەر بويىچە بىرلەشمە دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ئامبۇلاتورىيەسى، ئالاھىدە ئېھتىياج ئامبۇلاتورىيەسى، قولاي ئامبۇلاتورىيە، جىددىي دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ئامبۇلاتورىيەسىگە، بۆلۈم ئاتلاپ كېسەل كۆرسىتىدىغان ۋە ئامبۇلاتورىيەدە كۆرۈنۈپ داۋالىنىشنى تاماملىغان، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قايتا كۆرۈنۈشكە توغرا كەلگەن ئاغرىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

    قايتا كۆرۈنىدىغان ئاغرىقلار تۇنجى كۆرۈنگەن چاغدىكى نومۇر ئېلىپ كېسەل كۆرسىتىش تالونى (كېسەل كۆرسىتىش كارتىسى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى قاتارلىقلار)غا ئاساسەن، بىۋاسىتە ئەسلىدە كۆرۈنگەن بۆلۈمنىڭ كېسەل كۆرسىتىشنى كۈتۈش رايونى ياكى ئامبۇلاتورىيە زالى قاتارلىق دوختۇرخانا بېكىتكەن رايونلارغا بېرىپ، ئادەم كۈچى بىلەن دىياگنوز قويۇشقا ئايرىش سۇپىسى ياكى ئاپتوماتىك ئاپپارات ئارقىلىق كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئالاقىدار بۆلۈمنىڭ كېسەل كۆرسىتىشنى كۈتۈش رايونىدا نومۇر چاقىرىپ كېسەل كۆرسىتىشنى ساقلىسا بولىدۇ.

    خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىدىغان ئاغرىقلارنىڭ تەرتىپلىك كېسەل كۆرسىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شارائىتى بار دوختۇرخانىلار دوختۇرخانىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىدا قايتا كۆرۈنىدىغان ئاغرىقلارنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش ھەمدە نومۇر ئېلىش تۈرىگە «ھەقسىز» (پەقەت 0 يۈەنلىك «قايتا كۆرۈنۈش نومۇرى»نى ئېلىشقا بولىدۇ) دېگەن چەكنى قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، قايتا كۆرۈنىدىغان ئاغرىقلار ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ دىياگنوز قويۇشقا ئايرىش سۇپىسى نەق مەيدانىدا ياكى ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىدە تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئۇچۇر سىستېمىسى قايتا كۆرۈنىدىغان ئاغرىقلارنى ئاپتوماتىك ھالدا كېسەل كۆرسىتىدىغانلار رېتىگە قىستۇرۇپ قويىدۇ، بېكىتىلگەن ئېلېكترونلۇق چاقىرىش قائىدىسى بويىچە تەرتىپ بىلەن كېسەل كۆرسىتىدۇ.

    ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەرقايسى بۆلۈم دوختۇرلىرىنى كېسەل كۆرۈشكە ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا كۆرۈنىدىغان ئاغرىقلارنىڭ ئەسلىدىكى بۆلۈمدە كېسەل كۆرسىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىنىڭ ئىزچىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئومۇملاشتۇرۇلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.