تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئەڭ يېڭى ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى!

يېقىندا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك  گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى

«ئاتا-ئانىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى توغرىسىدا بىر پارچە خەت»نى ئېلان قىلىپ 

يازلىق تەتىلدە قاتناش بىخەتەرلىكىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتتى

 ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى خۈەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى مالياۋدى مەھەللىسى بىلەن بىرلىشىپ، «يازلىق تەتىللىك قاتناش بىخەتەرلىكى» تەشۋىقات پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى بالىلارنى تېخىمۇ كۆپ قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا فوتوسى

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ چى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى

    «ئاتا-ئانىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى توغرىسىدا بىر پارچە خەت»تە ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم كۆرۈلىدىغان قاتناش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ ئەسكەرتىش بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يولدىن ئۆتكەندە «توختاش، قاراش، ئۆتۈش» پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش؛ 12 ياشقا توشمىغان بولسا ۋېلىسىپىت مىنمەسلىك، 16 ياشقا توشمىغان بولسا توكلۇق ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك؛ بېشى، قولىنى ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن چىقارماسلىق؛ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان، نومۇر تاختىسى يوق، كىنىشكىسى يوق ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرماسلىق كېرەكلىكى تاپىلاندى.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى تەۋەلىكىدىكى كىچىك دوستلارغا يازلىق تەتىللىك قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرماقتا.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تولۇق تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا فوتوسى

   داۋاملىق ئوقۇڭ:

   دائىم كۆرۈلىدىغان قاتناش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپلىرىگە دىققەت قىلىڭ

   بىرىنچى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا باش، قول قاتارلىق بەدەن قىسىملىرىنى دېرىزە سىرتىغا چىقىرىۋېلىش. ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە يۈرۈش جەريانىدا، دېرىزە سىرتىغا چىقىپ تۇرغان بەدەننىڭ ھەرقانداق قىسىمى ئەگەر بەختكە قارشى دەرەخ شېخى، ئاپتوموبىل ۋە باشقا جىسىملار بىلەن سۈركىلىشىپ كەتسە، ئىنتايىن زور زەخمىلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.

   بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى: كىچىك دوستلار قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغاندا، چوقۇم بېشى، قولى ياكى باشقا بەدەن قىسىملىرىنى دېرىزىدىن چىقارماسلىقى كېرەك، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تۈڭلۈكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   ئىككىنچى، 12 ياشقا توشماي تۇرۇپ ۋېلىسىپىت مىنىپ يولغا چىقىش. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋېلىسىپىت ھەيدەپ يولغا چىقىشتا چوقۇم 12 ياشقا توشقان بولۇش؛ توكلۇق ۋېلىسىپىت ھەيدەپ يولغا چىقىشتا چوقۇم 16 ياشقا توشقان بولۇش كېرەك.

   بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى: بالىلارنىڭ مۇرەككەپ قاتناش مۇھىتىغا بولغان توغرا تونۇشى ۋە ھۆكۈمى كەمچىل بولغاچقا، قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ يولغا چىققاندا قانۇندا بەلگىلەنگەن ياشقا يېتىشى كېرەك، ۋەسىيلەر تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

   ئۈچىنچى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا بالىنى ئاپتوموبىل ئىچىدە يالغۇز قالدۇرۇش. ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا، ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى يېپىق ھالەتتە بولسا، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تېز ئۆرلەيدۇ، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بالىنى ئاپتوموبىل ئىچىدە قالدۇرۇپ قويسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، تۇنجۇقۇپ قېلىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل تىراگېدىيەلەر پات-پات يۈزبېرىۋاتىدۇ، ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

   بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى: ئاتا-ئانىلار ۋە ۋەسىيلەر بالىنى ئېلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا، بالىنى ئاپتوموبىل ئىچىدە يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئاپتوموبىل ئىچىدە خەتەرگە يولۇققاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنى، يەنى، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېچىش، خەتەردىن سىگنال بېرىش چىرىغىنى يېقىش، كاناينى بېسىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ قويۇشى كېرەك. 

   تۆتىنچى، ۋېلىسىپىت مىنىپ بالىنى ئېلىپ ماڭغاندا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمەسلىك. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنى توكلۇق ۋېلسىپىت ئارقىلىق ئاپىرىپ-ئەكىلىدۇ، توكلۇق ۋېلسىپىت مىنىپ سىرتقا چىققاندا يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. بالىلارغا بىخەتەرلىك قالپىقىنى توغرا كىيدۈرگەندە، باش قىسمىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرگەندە زەخىملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

   بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى: بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇنتىزىم بىخەتەرلىك قالپىقىنى تاللاپ سېتىۋېلىش، بالىلارنى ئېلىپ مېڭىشتىن بۇرۇن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئىلغۇچنى چىگىپ ئاندىن يولغا چىقىش كېرەك.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.