تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

   40 كۈنگە سوزۇلىدىغان «تومۇز» يېتىپ كەلدى، 7ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ھاۋا ئىسسىپ كەتتى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، يېمەك ـ ئىچمەك تازىلىقى بىخەتەرلىكىنى ياخشى ئىشلەپ، يازنى ساغلام ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 

   يۇقىرى تېمپېراتۇرا سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاسانلا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى  پەيدا قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) شەھەر ئاھالىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ياخشى ئىشلىشكە ئەسكەرتىدۇ: 

   بىرىنچى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشنى ياخشى قىلىش

   1. ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، تېمپىراتۇرىنى چۈشۈرۈش: ھاۋا تەڭشىگۈچ، شالدۇرغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 26 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلاش، ئۆي ئىچىنى سالقىن تۇتۇش كېرەك. 

   2. مەشغۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەش: تېمپېراتۇرا يۇقىرى چاغلاردا سىرتتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇن ھاۋا سالقىن ۋاقىتتا سىرتقا چىقىش كېرەك. بولۇپمۇ سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلار خىزمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا  دىققەت قىلىشى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوچۇقچىلىقتا تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىشى كېرەك.

   3. سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىشنى ياخشى ئىشلەش: سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى كىيىش، يېنىك، نېپىز، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان كىيىملەرنى كىيىش، قېنىق رەڭلىك ياكى تار كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېرىنى ھەر تەرەپلىمە ئاسراش ئۈچۈن كەڭ گىرۋەكلىك باش كىيىم ۋە قارا كۆزەينەك قاتارلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

   4. ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش: يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا  ئاسانلا تەرلەپ، بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا قەرەللىك سۇ تولۇقلاپ، سۇسىزلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 1500 مىللىلىتىردىن 1700 مىللىلىتىرغىچە سۇ ئىچىشى كېرەك.

   ئىككىنچى، يېمەكلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش

   1. يېمەكلىكلەرنى ساقلاش مۇۋاپىق بولۇش: يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا يېمەكلىكلەر ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى سالقىن، شمال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، قۇرغاق جايدا ساقلاش، كۈن نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق نەملىكتىن ساقلىنىش كېرەك.

   2. يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇش: ياز پەسلى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىدىغان يۇقىرى پەللىسى، يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇش، بولۇپمۇ گۆش ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ بۇلغىنىش پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   3. يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش: تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قولنى يۇيۇش، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى پاكىز يۇيۇش، پىچاق، دۆشە-تاختا قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىدا خام ۋە پىششىق ماتېرىيال ئىشلىتىدىغانلىرىنى ئايرىۋېتىش، بىر بىرىنى بۇلغاشتىن ساقلىنىش، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

   ئۈچىنچى، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش

   1. سۇيۇق-سەلەڭ بولۇشنى ئاساس قىلىش:  سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى، مايلىق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   2. سۇ تولۇقلاش: ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، ئادەم ئاسانلا تەرلەپ، سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەدەندىكى سۇ تەركىبىنى تولۇقلاپ، سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇۋاپىق مىقداردا سۇس تۇز سۈيى ياكى تەركىبىدە ئېلېكترولىت بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىشمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

   3. ۋىتامىننى كۆپرەك قوبۇل قىلىش: ياز پەسلىدە يېڭى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول، ھەر كۈنى يېتەرلىك مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يېيىش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق.

   تۆتىنچى، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىش

   1. ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   2. يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم كېسسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا ئاسانلا كېسىلى قوزغۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا دورا ئىچىپ، دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئەمەل قىلىپ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.