تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش | پۇقرالارنىڭ سىردىشى بولۇش−−ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رىزۋانگۈل ساۋۇت توغرىسىدا

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

   «قارىماققا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردەك كۆرۈنسىمۇ، ھەممىسى ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن چوڭ ئىش. قولمۇقول ياردەم بېرىپ، سىردىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئامما بىلەن بولغان ھېسسىيات كۆۋرۈكى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى دائىم پورەكلەپ ئۇزاق ئېچىلىدۇ!» 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رىزۋانگۈل ساۋۇت زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، 20 يىللىق مەھەللە خىزمىتىنى ئەسلەپ، ئەڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى بايان قىلدى.

   مەھەللە دۆلەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم مەيدان دائىرىسى. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى مەھەللە خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىگەندىلا، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى بىر خىش، بىر كاھىشتىن مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ» دېدى رىزۋانگۈل.

رىزۋانگۈل ساۋۇت ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلماقتا.         سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

    لى تەيكاڭ تەۋەلىكتىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان پۇت-قولى مېيىپ ئاھالە بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل شىنجاڭ سىرتىدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن. تەۋەلىككە قايتقاندىن كېيىن، نوپۇس چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئالاقىدار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولمىغاچقا، ئامالسىز ئىنىسىنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرغان ئىدى. رىزۋانگۈل ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن لى تەيكاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ مېيىپلىق كىنىشكىسى بېجىرىشىگە، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى، كۆپ قېتىم ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ئۆيى ئىلتىماس قىلىپ بەردى.

   ئۆي كۆچكەن كۈنى رىزۋانگۈل مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىللە لى تەيكاڭنىڭ يېڭى ئۆيىنى تازىلاپ، ئۆي جاھازلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. «ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ئۆيى بار بولدى!» لى تەيكاڭ رىزۋانگۈلنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، بارلىق سۆزلىرىنى تۆت ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىدى: «سىلەرگە رەھمەت»!

    ھەم باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان، ھەم باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم. ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، رىزۋانگۈل يالغۇز تۇرىدىغان يى جۇشياڭ موماينىڭ ئېغىر رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقانلىقىنى، كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن چۈشكۈن ئىكەنلىكىنى، بىر مەھەل جاندىن ۋاز كېچىش خىيالىدا بولغانلىقىنى ئىگىلىدى. رىزۋانگۈل تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان بولۇپ، ئادەتتىكى دورا سېتىۋېلىش، تاماق ئاپىرىپ بېرىش قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە دائىم موماي بىلەن پاراڭلىشىپ، سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى. ئاستا-ئاستا، موماينىڭ روھىي ھالىتى ياخشىلىنىپ، ئۇچرىغانلا ئادەمگە: «مېنىڭ شۇنداق ياخشى بىر ئۇيغۇر سىڭلىم بار» دەيدىغان بولدى.

    كىشىلەر دائىم «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەھەللە بىر چوڭ ئائىلە، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىمۇ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك. رىزۋانگۈل ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلدى.

   «قەلب كۆۋرۈكى»دە «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش». خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا رىزۋانگۈل تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. «مەھەللىدە ماڭغاندا، تونۇش چىرايلار سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىگەندە، سىزدىن ئەھۋال سورىغاندا، سىزگە سالام بەرگەندە؛ ئىلگىرى قان-تەرىڭىز ۋە زېھنىي كۈچىڭىزنى سەرپ قىلىپ، ئويمان-پاتقاقلارنى تەكشى يولغا ئايلاندۇرغاندا؛ ئاھالىلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى بولۇپ، بىر ئىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا ئۇنى بىرى 10غا، 10ى 100گە يەتكۈزگەندە...» رىزۋانگۈل تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىم ئەرزىيدۇ، دەپ ئويلىدى.

رىزۋانگۈل ساۋۇت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا.         سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

     قوشنىلار ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇش، قوشنىلار بىلەن تۇغقاندەك ئۆتۈش. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولدى.

    ھازىر تەۋەلىكتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى 300دىن ئارتۇق كادىر 700دىن ئارتۇق ئاھالە بىلەن تۇغقان بولدى، كۆپچىلىك ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان ئىشلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

   ھەر قېتىم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى كەلگەندە، مەھەللە يەنە كۆپچىلىكنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزگىچە تائاملارنى ئېتىپ، مەشرەپكە چۈشۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك خۇشال-خۇرام ئۆتۈشكە تەشكىللىدى.

    مەھەللە يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قىزىقارلىق بىرلەشمە دوستلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

    ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك». رىزۋانگۈل مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چىن كۆڭۈلدىن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز».

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.