تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بالىڭىزنى ئېلىپ بۇ ئالتە قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش لىنىيەسىنى ئايلىنىپ كېلىڭ

    «ھەممە ئىشتا ئالدىغا قاراپ مېڭىش، ماڭغان يولنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك». تارىخ مول ئىنقىلابىي مىراسلارنى قالدۇردى، بىز تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ھەر ۋاقىت ئەستە ساقلىشىمىز ۋە ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

    بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىككە شىنجاڭدىكى بەش قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، ئالتە قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش لىنىيەسىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، تەتىلدە بالىلارنى ئېلىپ قىزىل ئىزلارنى ئىزدەپ، بەختلىك تۇرمۇشىڭىزنى قەدىرلەڭ.

01

8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى 392-نومۇر

سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە 18:30-10:30گىچە (18:00دە سارايغا كىرىش توختايدۇ، دۈشەنبە كۈنى تاقىلىدۇ)

«ئۈرۈمچىنى خۇشال ساياھەت قىلىش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ

ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ

8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى

مەملىكەت بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان 11 «8-ئارمىيەنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ئەسلىي جاي خاتىرە سارىيى» ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە خاتىرە ساراي بولۇپ

بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ

كۆك خىش پېشايۋاننى بېسىپ ئوتتۇرىغىچە قوپۇرۇلغان، قېنىق قىزىل رەڭلىك ئىشىك-دېرىزىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ

بۇ ساراي يىللار ئىزنالىرى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ

ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكىسى يېڭى خاتىرە ساراي بولۇپ

قۇرۇلۇشنىڭ تەكشى يۈزى «山» خېتى شەكلىدە 

ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ ئالىيجاناب، ئۇلۇغلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان

يېڭى خاتىرە ساراينىڭ ئۈستىدىكى بەش يۇلتۇز بىلەن ئەسلىي جايدىكى قىزىل ئۆگزە ئۆزئارا ماسلاشقان

ئەجدادلار بىلەن كېيىنكىلەرنىڭ ئىنقىلابىي روھقا ئورتاق ۋارىسلىق قىلغانلىقىغا سىموۋول قىلىنغان

02

جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غەربىي ئارقا كوچا 37-نومۇر

سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە سائەت 17:30-10:30 (دۈشەنبە تاقىلىدۇ)

«ئۈرۈمچىنى خۇشال ساياھەت قىلىش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ

ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ

خاتىرە ساراي 

«جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ ئاساسىي كۆرگەزمىسى» ۋە

«ئارمىيە بايرىقىنى چىڭ تۇتقان قىزىل قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ»، «خېشىدا قان كېچىپ جەڭ قىلىش، ھەيۋەتلىك چىليەنشەن» «چېن يۈننىڭ شىڭشىڭشيادا غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشى،

كۈتۈۋېلىشى»دىن ئىبارەت ئۈچ قاپارتما نەقىشتىن تەركىب تاپقان

خۇددى راستتەكلا كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئىنقىلابىي جەڭچىلەرنىڭ جەسۇرانە قىياپىتى قايتا نامايان قىلىنغان

ساراي ئىچىدىكى كۆرگەزمە

 قانلىق كۈرەش مۇساپىسى، ھەربىي لاگېر مەشىقى ۋە پولاتتەك تاۋلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ،

جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ جەڭچىلىرى

ئىشلەتكەن قوراللار، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئۆگىنىش كىتابلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان 

بىزگە ئەينى يىللاردىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ غەربتە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈش، خېشى كارىدورىدا قانلىق جەڭ قىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىتىدۇ.

03

خوشۇت ناھىيەسى مالەن خۇڭشەن ھەربىي مۇزېي باغچىسى

بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىسى

دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە سائەت 20:00-10:00غىچە

ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ، ئالدىن كېلىشىش ھاجەتسىز

زىلزىلىگە سالار يەر-جاھاننى قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئۆتسىمۇ قانچە دەۋر ئۇرغۇپ تۇرار ئەزىمەتلەر شىجائىتى

خوشۇت ناھىيەسى مالەن خۇڭشەن ھەربىي مۇزېي باغچىسى

دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى تەتقىق قىلىپ ياسىغان مۇھىم ھەربىي ئىشلار خاتىرە ئورنى

 بۇ يەردە نۇرغۇن دۆلەت مۇداپىئە گېنېراللىرى

 ۋە يادرو ئالىملىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئىزلىرى بار

 مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى

04

ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى مىڭدې يولى 29-نومۇر

سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە سائەت 18:00-10:30 (17:30دە كىرىش توختىتىلىدۇ، دۈشەنبە تاقىلىدۇ) غىچە

«ئۈرۈمچىنى خۇشال ساياھەت قىلىش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ

ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ

كىچىككىنە چاسا قورۇنىڭ كۈل رەڭ خىش، سېرىق تام، قىزىل تۈۋرۈكلىرى

ناھايىتى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك، ئاددىي ئەمما ئىنتايىن نەپىس

كىچىك ھويلىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا

ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ يېرىم بەدەن مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرگەن

قىياپىتى خۇددى قارىغايدەك ھەيۋەتلىك بولۇپ، قەتئىي ئىرادىسى ۋە قەيسەرلىكى چىقىپ تۇراتتى

بۇ ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن ھايات ۋاقتىدا تۇرغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن، خىزمەت قىلغان جاي 

خاتىرە سارىيى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ

 كۆپچىلىككە ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مالىيە ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى چۈشەندۈردى

بۇ كىچىك ھويلىغا كېلىپ كۆرۈپ 

ئاشۇ بوران-چاپقۇنلۇق يىللاردىكى

 شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەجدادلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ

05

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى قارلىغاچلىق كوچا باشقارمىسى 524-نومۇر

ئېچىلىش ۋاقتى: سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە سائەت 18:00-10:00گىچە

(سائەت 17:30دە كىرىش توختىتىلىدۇ   دۈشەنبە تاقىلىدۇ)

كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى: 

 سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە سائەت 17:30-10:00گىچە

(سائەت 17:00دە كىرىش توختىتىلىدۇ   دۈشەنبە تاقىلىدۇ)

«ئۈرۈمچىنى خۇشال ساياھەت قىلىش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ

ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ

قەبرىستانلىقنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 850 مو كېلىدۇ

قەبرىستانلىق ئىچىدە خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى

 ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى 

 «1955-يىلنى ئەسلەش» ھەيكەل تېمى قاتارلىق خاتىرە مەيدان-سورۇنلار بار 

تەھرىر كۆپچىلىككە قىزىل ساياھەت لىنىيەسىدىن ئالتىنى رەتلىپ چىقتى، قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

    ①«ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى. شىنجاڭ ئىزنالىرى» لىنىيەسى: ئۈرۈمچى شەھىرى 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى − ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي − جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى − سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ شىنخۇي قىزىل ئەسلىمە مۇزېيى 

   ② «ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغداش . ياشلىقتا ئۆكۈنمەسلىك» لىنىيەسى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ماياك زىيالىي ياشلار سارىيى − بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي − بورتالا خاتىرە باغچىسى − تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى 161-تۇەن ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى − چۆچەك شەھىرى قىزىل بىنا مۇزېيى − قاراماي 1-نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقى − قاراماي كۆرگەزمىخانىسى − جېمىنەي پورتى − 185-تۇەن غەربىي شىمال چېگراسى 1-ليەنى

   ③ تۇرپان − قومۇل قىزىل ساياھەت لىنىيەسى: ئۈرۈمچى شەھىرى − جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى − گۇچۇڭ ناھىيەلىك مۇزېي − باركۆل قەدىمىي شەھىرى − ئاراتۆرۈك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، يىشۈييۈەن، ئاراتۆرۈك توغراقلىقى − قومۇل شەھىرىدىكى قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسى، قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونى − پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى − تۇرپان (ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، كارىز، تۇرپان مۇزېيى) − ئۈرۈمچى شەھىرى

   ④ شىخەنزە قىزىل ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى: ئۈرۈمچى شەھىرى − شىخەنزە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھىرى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، جوۋ زۇڭلى خاتىرە مۇنارى (سارىيى)، ئەيچىڭ شېئىرىيەت سارىيى) − شىخەنزە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش 1-ليەنى − شياۋلىجۇاڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەسلىي ئورنى − تولىڭ مېڭپو مەنزىرە رايونى − ئۈرۈمچى شەھىرى 

   ⑤ بايىنغولىن ئوبلاستى قىزىل ساياھەت لىنىيەسى: كورلا شەھىرى − تيېمىنگۇەن شەھىرى − لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتى − لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى − چاقىلىق ناھىيەسى كىروران مەدەنىيەت كىچىك بازىرى، مىرەن خارابىلىكى − چەرچەن ناھىيەسى كوئېنلۇن قاشتېشى مەدەنىيەت كىچىك بازىرى − تەكلىماكان قۇملۇقى − تارىم توغراقلىق باغچىسى − بۈگۈر ناھىيەسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت كىچىك بازىرى − باغراش كۆلى − خوشۇت ناھىيەسى مالەن خۇڭشەن ھەربىي مۇزېي باغچىسى  − ئۈرۈمچى شەھىرى 

   ⑥ خوتەن قىزىل ساياھەت لىنىيەسى: خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي، ۋاڭ ۋېي خاتىرە سارىيى − قاراقاش قەدىمىي شەھىرى − 14-شى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە كىرگەنلىك خاتىرە سارىيى − ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرى − دامكۇ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى خارابىسى − قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى − خوتەن شەھىرى

قېنى ئەمىسە

قىزىل ساياھەت لىنىيەسىدە مېڭىپ

شەرەپلىك ئىنقىلابىي يىللارنى ئەسلەپ

 بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆيىڭىزدىكىلەر، دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە

قىزىل ساياھەت سەپىرىڭىزنى باشلاڭ ~ ~

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.