تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

فۇجيەندىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋەكىللىرى سانجى شەھىرىگە كېلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى

    7-ئاينىڭ 8-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن «يىپەك يولىدا رىشتە باغلاش . تاغ-دېڭىز سىمفونىيەسى» ___ «ئانار گۈلى . فۇجيەن-سانجى مۇھەببىتى» تېمىسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتى سانجى شەھىرىنىڭ ئاشلى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. فۇجيەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋەكىللىرى تاغ-دېڭىزلاردىن ھالقىپ، سانجىغا كېلىپ ۋاقتى بىر ھەپتە بولغان «ئانار گۈلى . فۇجيەن-سانجى مۇھەببىتى» تېمىسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر مەقسەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى. سۈرەتتە: پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەرلىكنىڭ خاس مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرى ئورۇنلانماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى)

فۇجيەن، شىنجاڭ ئىككى جايدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋەكىللىرى سوۋغات بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرماقتا.

فۇجيەن، شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.