تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى مەڭگۈلۈك «ساقايتالايدۇ»؟

   كۈندە بىر رەددىيە | يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى مەڭگۈلۈك «ساقايتالايدۇ»؟

   پىتنە-ئىغۋا.

   يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش پەقەت گىرادۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى ۋاقتىنچە كۆزەينەك تاقىماسلىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ. گەرچە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق بىمارلار ۋاقتىنچە كۆزەينەك تاقاشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن، بۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

   يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇس مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزەتكەن تەقدىردىمۇ، كۆز ئوقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كۆز تېگىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئوپېراتسىيە پەقەت گىرادۇسنى تۆۋەنلىتىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، لازېر نۇرى ئوپېراتسىيەسى گەرچە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلىسىمۇ، لېكىن ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىمارلارنىڭ كۆز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىگە، ياخشى ئادەتنى ساقلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە دىققەت قىلمىسا، كۆزنى ئۇزاق ۋاقىت يېقىن ئارىلىققىلا ئىشلەتسە ياكى كۆزنى دەم ئالغۇزۇش كەمچىل بولسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى يەنە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

   يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ، لېكىن يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈپتىن ساقايتالمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزەشنىڭ ۋاسىتىسى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتى ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈش يەنىلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: جىن شيۇمىڭ   جېجياڭ داشۆ 2 - دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.