تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشتىكى ئىسپاتى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىدىكى مۇھىم ۋاسىتە.

   ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

  ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندا
   ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكا تور نۇقتىسى
   ياكى تور مۇلازىمىتى يوللىرى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

   ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىلىرى قىسقا ئۇچۇر، ئېلان قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەسكەرتىدۇ. بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدا كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ.


    ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئىشلىتىشكە تەسىر يېتەمدۇ؟

    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن
    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك كەسپلىرىنى
    نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ
    پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارى ھەرقايسى بانكىلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ
   تەپسىلاتىنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىسىغا تېلېفون بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ
    قانداق ئالماشتۇرۇلىدۇ؟
    كارتا ئىگىسى
    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ
   60 كۈن ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش تەرتىپى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىردەك بولىدۇ
   ئىلتىماس قىلغۇچى كارتا تارقاتقان جايدىكى مۇلازىمەت تور نۇقتىسى ياكى تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىسى كارتا ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يېڭى كارتا ياساپ تارقىتىدۇ.
   ئەگەر ئالماشتۇرمىسا،
    ئېلېكترونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى يەنە ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
   بولىدۇ
   ھازىر ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ.
    ھازىر جايلاردا
   «جايىڭىزدا بىر ئاز ساقلاپ تۇرسىڭىزلا ئالالايدىغان» كارتا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى

    ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى
   كونكىرېت كارتا ئالماشتۇرۇش يولى، مۇلازىمەت ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى
  كارتا تارقاتقان جاينىڭ 12333 مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.