تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | ياشانغانلار ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچسا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ ئاغرىپ قالىدۇ، ئاچمىغۇدەك بولسىلا ئاچماسلىق لازىم؟

   ياشانغانلار ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچسا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ ئاغرىپ قالىدۇ، ئاچمىغۇدەك بولسىلا ئاچماسلىق لازىم؟

   ئۇنداق ئەمەس.

   ھەرگىز بۇنداق قىلماڭ. ناچار ھاۋارايىنىڭ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئومۇميۈزلۈك ھەم كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ھېس قىلىشى، كۈندىلىك پائالىيىتى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى ھەتتا ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن چوڭ بولىدىكەن. ئادەتتە، سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەلگىلىك دائىرىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نىسپىي ھالدا تۇراقلىق بولىدۇ. ھالبۇكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئادەم قېرىيدۇ، بۇ بىر يۈرۈش مېخانىزم بارغانسېرى ئاجىزلىشىدۇ، مەسىلەن، ياشانغانلارنىڭ تەر بېزىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، تېرىدىكى قان ئېقىم مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياشانغانلارنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا دورا ئىچىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار چوقۇم ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى كونتىرول قىلىشقا دىققەت قىلىشى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا «زورمۇزور» چىداپ تۇرماسلىقى كېرەك. بەزى ياشانغانلار سوغۇق شامالدىن قورقسا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزىنى تەڭشەش، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال توسۇقىنى ئورنىتىش، ھاۋا ئايلاندۇرۇش شامالدۇرغۇچىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، پىژغىرىم ئىسسىقتا ياشانغانلار يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك.

ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تاڭ چىن    جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر تەتقىقاتچىسى، دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى

 «ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.