تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مۇددىتى ئۈچ ئايغا يېقىن! ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن 2 - كوچىسى يول بۆلىكىدە قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلىدۇ

   خوتەن 2- كوچىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يول ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن 2 - كوچىسى (گۇچۇڭ يولىدىن چيەنتاڭجياڭ يولىغىچە بولغان) يول بۆلىكىدە قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇش تەدبىرى قوللىنىش ۋە ئەتراپتىكى يوللاردا قاتناشنى تەشكىللەشنى تەڭشەش قارار قىلىندى. ھازىر تۆۋەندىكىچە ئېلان چىقىرىمىز: 

   1، چەك قويۇشنى يۈرگۈزۈش ۋاقتى

   2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، سائەت 12:00دىن ئەتىسى سائەت 00:00 گىچە.

   2024-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە تەشۋىق قىلىش مەزگىلى، 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي چەك قويۇلىدۇ. 

   تەشۋىق قىلىش مەزگىلىدە، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر تەۋەلىكىدىكى مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرسە بولىدۇ.

   2، چەك قويۇش تەدبىرلىرى

   (1) چەك قويۇش مەزگىلدە، بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ھەمدە خوتەن 2 - كوچىسىدىكى يولنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ۋاقىتلىق يول ئىگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىللارنى توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ (ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئالاھىدە ئاپتوموبىللار بۇنىڭ سىرتىدا)؛

   (2) قاتناشقا چەك قويۇش مەزگىلىدە، يول بويىدىكى ئىدارە-ئورۇنلار ۋە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ماسلىشىشىنى، يول يۈرۈش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلىشىنى، گۇچۇڭ يولى، ساي يولى، چيەنتاڭجياڭ يولى، شىخو يولى، تۇرپان يولى، خۇاڭخې يولى، 1 - ماي شەرقىي يولى،  شىمالىي شىخو يولى 1 - كوچىسى، خېنەن كوچىسى قاتارلىق ئەتراپتىكى يوللارنى ئايلىنىپ ئۆتۈشىنى، قاتناشقا چەك قويۇلغان يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە قاتناش سىگنالىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىنى،  سەپەرگە چىقىشتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

   3. باشقا قاتناشنى تەشكىللەپ تەڭشەش

   (1) شىمالىي شىخو يولى  1 - كوچىسى شىمالدىن جەنۇبقا تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ؛

   (2) خېنەن كوچىسى شىمالدىن جەنۇبقا تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

   4. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

   شىمالىي شىخو يولى  1 - كوچىسى ۋە خېنەن كوچىسىدا ئاپتوموبىل توختاتقاندا بىر تەرەپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئىچىگە توختىتىش كېرەك، توختىتىش ئورنى ئىچىگە توختاتمىغان ئاپتوموبىللارغا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.