تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بەدىنىڭىزدە بۇ تۆت خىل ئالامەت كۆرۈلسە، ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، دەرھال سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ!

مەنبە: جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى 

   بەدەندە تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالامەت كۆرۈلگەندە، ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنىڭ ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەنلىكنىڭ تۆت خىل ئىپادىسى 

   1.تەكرار يۇقۇملىنىش

   ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ئاسانلا «تاجاۋۇز» قىلىپ كىرىپ، تەكرار يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، تەكرار قوزغىلىدىغان زۇكام، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار.

   2. ماغدۇرسىزلىنىش

   ئىممۇنىتېت سىستېمىسى زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلىپ نورمال ھەرىكەتنى ساقلايدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، بەدەن ھارغىنلىق ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ، دائىم چارچايدۇ، روھىي ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل بولىدۇ، ھەتتا ئاددىي كۈندىلىك پائالىيەتلەردىمۇ قىينىلىدۇ.

   3. ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىش

   ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەسلىدە زىيانسىز بولغان بەزى ماددىلارغا زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇپ، زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن: تېرە قىچىشىش، ھۆل تەمرەتكە، زىققا قاتارلىقلار، زىيادە سېزىمچان دورا ۋە يېمەكلىكلەرمۇ كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

ساۋ زىخاۋ/فوتوسى

   4. ئاسانلا ئۆسمە ئۆسۈپ قېلىش

   ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، ئورگانىزمنىڭ ئۆسمىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاسانلا ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆسمىلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.

 ئىممۇنىتېت كۈچىنى ياخشى قوغداشتا بۇ بىر قانچە نۇقتىنى ئەستە تۇتۇش 

   1. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ياخشى ساقلاش

   تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃1 تۆۋەنلىسە، ئىممۇنىتېت كۈچى %30 تۆۋەنلەيدىكەن، ھاۋا ئۆزگەرگەندىن كېيىن زۇكام بولىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىئارام بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭا نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

   2. ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش

   بېسىم ئادەم بەدىنىدە بىر خىل تورمۇزلىغۇچى فاكتورنى پەيدا قىلىپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   3. كۆپرەك يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇخلاش

   يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ بەدەننىڭ كۆپرەك ئۇيقۇ فاكتورى ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى يوقىتىدۇ.

   4. ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش

   ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيەنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى يامان ئەمەس، مەسىلەن، ئۈچەي يولىدىكى قوش ئاچىلىق تاياقچە باكتېرىيە بەدەننىڭ كۆپ خىل ئانتىتېلا ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سىرتتىن كەلگەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى يوقىتىدۇ.

   5. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش

   ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە يېڭى كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

 قايسى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ؟ 

   ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىممۇنىتېت ئەزالىرى، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى ۋە ئىممۇنىتېت مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدىكى ئەسلىگە كېلىشى، مېتابولىزمى ۋە بىرىكىشى ئاقسىلدىن ئايرىلالمايدۇ.

   ۋىتامىن ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

   ۋىتامىن A ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قاتنىشىدۇ، ئۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنىڭ «قوغدىغۇچى پالۋىنى»؛

   B تۈردىكى ۋىتامىنلار ئىممۇنىتېتنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ؛

   ۋىتامىن C ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان «بىرىنچى ياردەمچى»؛

   ۋىتامىن D كۆپ خىل ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۆلۈنۈشىگە قاتنىشىدۇ؛ ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ؛

   ۋىتامىن E ماينىڭ پېروكسىدلىنىشىغا قارشى تۇرىدىغان بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى.

   كالتسىي، تۆمۈر، سېلېن، سىنك، مىس قاتارلىق ئېلېمېنتلار ئانتىتېلانىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئاكتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ساقلاشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

_____  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى    خې لى

   بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىدىكى جاڭ شۈ بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كېلىش مەنبەسىنى تونۇشتۇردى:

   ۋىتامىن C: قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلىنىدىغان قوبۇل قىلىش مىقدارى 100 مىللىگىرام.

   ئەلا سۈپەتلىك كېلىش مەنبەسى: كۆكتات، مېۋە - چېۋە، مەسىلەن، ئاپېلىسىن تۈرىدىكى مېۋە - چېۋە، مايمۇن شاپتۇلى، بۆلجۈرگەن، چېچەكسەي.

   ۋىتامىن E: قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلىنىدىغان قوبۇل قىلىش مىقدارى 14 مىللىگىرام α - TE ( α - تۇغۇت فېنول ئېكۋىۋالېنتى) بولىدۇ.

   ئەلا سۈپەتلىك كېلىش مەنبەسى: گازىر مېيى، بادام، نيۇيوۋگو قاتارلىقلار.

   ۋىتامىن B6: قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلىنىدىغان قوبۇل قىلىش مىقدارى 1.4 مىللىگىرام.

   ئەلا سۈپەتلىك كېلىش مەنبەسى: بېلىق تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، سالمون بېلىقى، سالما بېلىق، شەمشەر بېلىق؛ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، مەسىلەن پىستە، ئورمان ياڭىقى، كۈنجۈت، خاسىڭ، كاشتان.

   ۋىتامىن D: قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلىنىدىغان قوبۇل قىلىش مىقدارى 10 مىكروگىرام.

   ئەلا سۈپەتلىك كېلىش مەنبەسى: كۆپ مايلىق دېڭىز بېلىقى، مەسىلەن سالمون بېلىقى، ساردىن بېلىقى، تۇننۇس بېلىقى.

   6. ئۇسسىغان-ئۇسسىمىغاندىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىش

   ئۇسساش ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىدە سۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاندا چىقىدىغان سىگنال. ئۇسساشتىن ئىلگىرى ئادەم بەدىنى خېلى ئۇزاق ۋاقىت سۇ كەمچىل ھالەتتە تۇرىدۇ، بەدەندە سۇ كەمچىل بولسا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

   كۆپچىلىك ئەڭ ياخشىسى سۇ ئىچىش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئۇسسىغان ياكى ئۇسسىمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىشى كېرەك، بۇ خۇددى ۋاقتىدا تاماق يېگەنگە ئوخشايدۇ.

   7. ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش

   پەن - تېخنىكا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىنلاندىيە ئالىملىرى قانات يايدۇرغان ئىككى تۈرلۈك تەتقىقاتتا مۇنداق يەكۈن چىقىرىلغان: پەقەت 10 مىنۇت چېنىقىش ئارقىلىقلا قاندىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ راكقا قارشى تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات 28 نەپەر لىمفا ئۆسمىسى ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارغا چېتىلىدۇ. بىمارلار 10 مىنۇت ۋېلىسىپىت مىنىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، ھەرىكەت جەريانىدا لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ قېنىدىكى ھۈجەيرىنى زەھەرلەيدىغان T ھۈجەيرە (راك ھۈجەيرىلىرىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ) ۋە تەبىئىي ئۆلتۈرىدىغان ھۈجەيرىنىڭ سانى ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، ئارىلىقتىكى يەككە يادرولۇق ھۈجەيرىلەر ۋە B ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى كۆپەيگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.