تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپمۇ نەنسەنگە بارالايسىز!

   شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى «يازلىق توشۇش ئەندىزىسى»نى يولغا قويۇپ، يۇڭفېڭ بازىرىغا «بىر كۈنلۈك ساياھەت» توردا زاكاز قىلىدىغان ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

   شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى «يازلىق توشۇش ئەندىزىسى»نى يولغا قويۇپ، يۇڭفېڭ بازىرىغا «بىر كۈنلۈك ساياھەت» توردا زاكاز قىلىدىغان ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى، ئالدىن كېلىشكەن يولۇچى سانى 15كە يەتسىلا يولغا چىقىدۇ.

   7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 5 ـ بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، «ئاممىۋى قاتناش + ساياھەت»كە كۈچ قوشۇش، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ يۇڭفېڭ بازىرىغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، توردا كېلىشىش شەكلىدىكى مەخسۇس لىنىيە ئېچىلغان بولۇپ، ئالدىن كېلىشكەن يولۇچى سانى 15كە يەتسىلا يولغا چىقىدىكەن.

   شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 5 ـ بۆلۈمى بىخەتەر توشۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شۆ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ لىنىيەدە ئەسلى ھەپتە ئاخىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى يولغا چىقاتتى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى، بېرىپ كېلىش ھەققى ھەر ئادەمگە 40 يۈەن بولدى.

   شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى «يازلىق توشۇش ئەندىزىسى»نى يولغا قويۇپ، يۇڭفېڭ بازىرىغا «بىر كۈنلۈك ساياھەت» توردا زاكاز قىلىدىغان ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى، ئالدىن كېلىشكەن يولۇچى سانى 15كە يەتسىلا يولغا چىقىدۇ.

   بۇ لىنىيە سائەت 9دا داۋان شىشياڭدۇڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن يولغا چىقىپ، تۇر-ئۈزۈش بازىسى، يۇڭشېڭ زىيانسىز ئۆرۈك بېغى، ئېكولوگىيە باغچىسى، سارداۋان يېزىسى 4 - چوڭ ئەترىتى گۈل دېڭىزىدىن ئۆتىدۇ، يېرىم يولدا بېكەتتە يولۇچىلار چىقىپ چۈشەلەيدۇ. سائەت 19دا بىرتۇتاش يىغىلىپ شەھەر رايونىغا قايتىدۇ، سارداۋان يېزىسى 4 - چوڭ ئەترىتى گۈل دېڭىزى، ئېكولوگىيە باغچىسى، يۇڭشېڭ زىيانسىز ئۆرۈك بېغى، تۇر-ئۈزۈش بازىسى، داۋان ئاممىۋى قاتناش توختاش مەيدانىدىن ئۆتىدۇ، يېرىم يولدا بېكەتتە يولۇچىلار چىقىپ چۈشەلەيدۇ.

   شەھەر ئاھالىلىرى ۋىيشىندا «ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى» ئاممىۋى سۇپىسىغا ئەزا بولۇپ، «ئاقىل قاتناش» ← «توردا كېلىشىدىغان ئاممىۋى قاتناش» «زاكاز قىلىدىغان ئاممىۋى قاتناش»نى چېكىپ، توردا ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ، ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسىدە بېلەت ھەققىنى ئالدىن تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئاپتوموبىل ئىچىدە بىر ئادەمگە بىر ئورۇن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.