تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆستۈرۈلگەن دەرىجە بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇردۇڭلارمۇ؟

    «ئۆستۈرۈلگەن دەرىجە بويىچە ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 820 يۈەندىن ئارتۇق ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدىكەنمەن، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولۇپ، تۇرمۇشۇم تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.» 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ۋۇ جىجىن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى ئۆستۈرۈلگەن دەرىجە بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇردى، بۇنىڭ بىلەن تاپشۇرىدىغان پۇلى ھەر يىلى 5500 يۈەنگە يەتتى، خىزمەتچى خادىملار ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھېساباتىنى ھېسابلاپ بەردى، ۋۇ جىجىن ئالالايدىغان ئاھالىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 260 يۈەندىن 821 يۈەنگە ئۆسكەن بولۇپ، بۇ ئۇنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى مىدۇڭ رايونى شۆبە مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، ئاھالىلەرگە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆستۈرۈلگەن دەرىجە بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا دائىر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشەندۈردى.

ما تىڭ فوتوسى

     بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى 12 گە تەڭشەلگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 200 يۈەن، 300 يۈەن، 500 يۈەن، 800 يۈەن، 1000 يۈەن، 1500 يۈەن، 2000 يۈەن، 2500 يۈەن، 3000 يۈەن، 3500 يۈەن، 4500 يۈەن، 5500 يۈەندىن ئىبارەت. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ.

    شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنى ئەڭ زور چەكتە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى توردا ۋىيشىن توپى، تېلېفون، رادىيو قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، تور سىرتىدا ئائىلىلەرگە كىرىپ سىياسەت چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ شەخسلەر ھەققى، مالىيە ياردەم پۇلى ھېساباتىنى ئېنىقلىشىغا ياردەم بەردى، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى، ھۆكۈمەت بېرىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى قانچە كۆپ بولسا، ئالىدىغان كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىدەك ھېساباتنى ئاممىغا نۇقتىلىق ھالدا ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈردى.

    مىدۇڭ رايونى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى چاڭشەنزى بازىرى ۋۇجيالياڭ كەنتىدە زىيارەتتە بولغاندا، كەنت ئاھالىسى خې لىن كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە چۈشىنەلمىگەن نۇرغۇن مەسىلىنى سورىدى: تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن ھەر ئايدا تەخمىنەن قانچە پۇل ئالغىلى بولىدۇ؟ ئۆستۈرۈلگەن دەرىجە بويىچە ھەق تولۇقلاشنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟ ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچىلىك تاپشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال سەۋەبىدىن شەخسلەر ئېلىپ بولالمىغان پۇل قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟ مىدۇڭ رايونى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ تيەنزى سەۋرچانلىق بىلەن بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. ئاخىرىدا خې لىن نەق مەيداندىكى باشقا ئۈچ كەنت ئاھالىسى بىلەن تولۇقلاپ تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىردى. خىزمەتچىلەر يەنە ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەق تاپشۇرسا ئالىدىغان تەمىناتىنى ھېسابلاپ بەردى.

    6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆستۈرۈلگەن دەرىجە بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىردى، 1164 كىشى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆستۈرۈلگەن دەرىجە بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇردى، تولۇقلاپ تاپشۇرۇش سوممىسى 8 مىليون 307 مىڭ 400 يۈەن بولدى.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.