تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

«تومۇز كۈنلىرى» سوغۇقتىن زەئىپلىشىش تۈرىدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»ىغا ماس كېلىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر تيەن شياۋخاڭ) بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تومۇز كىردى. جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «تومۇز» «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»نىڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ مەزگىلدە «تومۇز چاپلىقى»نى چاپلاش، ئەمەن بىلەن داغلاش قاتارلىق داۋالاشلارنى قىلسا، سوغۇقتىن زەئىپلىشىش تۈرىدىكى كېسەللەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

   جۇڭگو جۇڭيى تىبابىتى پەنلىرى شۆيۈەنى شىيۈەن دوختۇرخانىسى سۇجوۋ دوختۇرخانىسىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى گاۋ جۇيې مۇنداق دېدى: «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش» بولسا، ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئادەم بەدىنىدە مۇزەككەر بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، مۇزەككەر يېتەرلىك بولماسلىق، بەدەننى زىيادە سوغۇق ئېلىپ كېتىش سەۋەبىدىن قىش پەسلىدە (ھاۋا سوغۇق بولغاندا) ئاسان كۆرۈلىدىغان ياكى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان كېسەللەرنى داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە «تومۇز كۈنلىرى»دە ئادەم بەدىنىدىكى مۇزەككەر ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

   گاۋ جۇيې مۇنداق تونۇشتۇردى: «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»قا ماس كېلىدىغان كېسەللەر تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل: نەپەس سىستېمىسى كېسەللىرى، مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە زىققىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، تەكرار زۇكام، سوزۇلما خاراكتېرلىك زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىقلار؛ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىرى، مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ـ ئۈچەي ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ئاغرىقى كېسەللىرى قاتارلىقلار؛ رېماتىزىملىق سۆڭەك كېسىلى، مەسىلەن بوغۇم ياللۇغى، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىقلار؛ كىچىك بالىلاردىكى تېنى ئاجىزلىشىپ ئاسان زۇكام بولۇش، قايتا - قايتا يۆتىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش قاتارلىقلار؛ بىر قىسىم ئاياللاردىكى سوغۇقتىن زەئىپلىشىش كېسەللىرى، مەسىلەن، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش، سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىن قايتا - قايتا قوزغىلىدىغان داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، قىسمەن يۈرەك سانجىقى سەۋەبلىك مۇزەككەر ئاجىزلاپ سوغۇقتىن ئۇيۇشۇش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلارمۇ «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»قا ماس كېلىدۇ.

   «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»تا ئادەتتە قايسى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ؟ كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى «تومۇز چاپلىقى». گاۋ جۇيې مۇنداق دېدى: جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى مۇزەككەر قىياپەتتە بولۇپ، مۇزەككەر قۇۋۋەتلەشنى ئاساس قىلىش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدۇ، چاپلاق چاپلىغاندا، مۇسكۇل سىزىقچىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى شامالدارىش، سوغۇق، ھۆللۈكنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

   «<تومۇز چاپلىقى>دىن باشقا، جۇڭيى دورىسى ئىچىش، ئەمەن بىلەن داغلاش، لوڭقا قويۇش، سىيرىپ داۋالاش قاتارلىقلارمۇ <قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش>تا دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار بولۇپ، ئۇلار مۇسبەت قۇۋۋەت ئارقىلىق دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ» دېدى گاۋ جۇيې.

   «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»نىڭ گەرچە سوغۇقتىن زەئىپلىشىش تۈرىدىكى كېسەللەرگە قارىتا ياخشى ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئۈنۈمى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئاغرىق «قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»قا ماس كەلمەيدۇ: سوغۇقتىن زەئىپلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارمىغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار، بولۇپمۇ نەم ئىسسىقتىن كېلىپ چىققان كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار، ئېغىر تېرە كېسىلى ۋە تېرە سەزگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەمدە قاناش خاھىشى بارلار، دىيابېت كېسىلى بارلار ھەمدە قان شېكىرىنىڭ كونتىروللىقى ياخشى بولمىغان ئاغرىقلار.

  «تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.