7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچقۇرۇن، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە.
تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرى بېزەش ئاخىرلىشىش ۋە ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلەرنى بىرلەشمە تەڭشەش، بىرلەشمە سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىردى، ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىچىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى ۋە يانداش تۈرلەر ئومۇمىي قۇرۇلۇش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئايروپىلانغا چىقىش كۆۋرۈكىدىن 67سى تەسىس قىلىنغان. ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇزۇنلۇقى 510 مېتىر بولۇپ، يېڭى تىپتىكى بىرىكمە ئۆگزە سىستېمىسى توققۇز قۇرۇلما قەۋىتىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مېتال ئۆگزىنىڭ كۆلىمى 25 ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدىكەن.
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچقۇرۇن، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى