تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | ئاسپىرىن ئىچىش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

   ئاسپىرىن ئىچىش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

   ئۇنداق ئەمەس.

   ئاسپىرىن ھازىرغىچە 100 يىلدىن ئارتۇق كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىپ كەلدى، ئۇ بەلگىلىك قان ئۇيۇشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ ھەمدە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتلاردا ھەر كۈنى 75mgدىن 100mgغىچە ئاسپىرىن ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دېيىلگەن، لېكىن كېيىن يەنە يېڭى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئاز مىقداردا ئاسپىرىن ئىستېمال قىلىش كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشىغا ياردەم بېرەلمەيدىكەن، ئەكسىچە، ياشانغانلاردا چوقۇم قان كۆپ چىقىپ كېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن، پەقەت يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى، قاناش خەۋپى تۆۋەن بولغان بىمارلارلا ئاسپىرىن ئىچىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدىكەن. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرىمۇ ئاسپىرىن ئىچىش ئارقىلىق قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدىكەن. بىراق ئاسپىرىننى كونكرېت قانداق ئىشلىتىشنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىدىغان دوختۇر ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، بىز توردا تارقالغان «يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈنۈمى ئۈچۈن ئاسپىرىننى ئۆزىمىز خالىغانچە يېسەك بولمايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، سېمىزلىكتىن ساقلىنىش، قان بېسىمى ۋە خولېستېرىن سەۋىيەسىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ مۇھىم.

ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تاڭ چىن   جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر تەتقىقاتچىسى، دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.