تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | ياشانغانلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقىنىڭ يېڭى تۈرلىرىدىن ھوشيار بولۇڭ

   يېقىندىن بۇيان، ياشانغانلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقىنىڭ تۈرلىرى يېڭىلاندى. بىر قىسىم ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سودىگەرلىرى مەيدان ئۇسسۇلى يېتەكچىسىنى نىشانلاپ، ئۇلارنىڭ تەشكىللەپ بېرىشىدە مەھەللىدىكى ياشانغانلارنى «ھەقسىز ساياھەت قىلىش»قا ئاپاردى، ئارقىدىن ساياھەت جەريانىدا مال سېتىۋېلىش ھالقىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يۇقىرى باھادا ياشانغانلارغا سېتىپ بەردى.

   بەزى ياشانغانلارنىڭ ئۆيىدە قوي سۈتى پاراشوكى، سۆڭەك چىڭىتىش پاراشوكى، پەي كۈچەيتىش-سۆڭەك ساغلاملاشتۇرۇش پاراشوكى، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئىچىملىكى، مېھرىگىياھ سپورا پاراشوكى قاتارلىق ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. بوۋاي-مومايلار پەرزەنتلىرىگە بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ مەھەللە مەيدان ئۇسسۇلى يېتەكچىسى باش بولۇپ تەشكىللىگەن «ھەقسىز ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىدە سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تۇرمۇشى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى. بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ توزاق قۇرۇپ، يۇقىرى باھالىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ھەدەپ ساتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقىنىڭ يېڭى تۈرلىرى بار بولدى. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەيدان ئۇسسۇلى يېتەكچىسى چوڭ ئانىلارنى نىشانلاپ، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ئىچىدىكى تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مەھەللىدىكى ياشانغانلارنى «ھەقسىز ساياھەت قىلىش»قا تەشكىللەپ بېرىشكە چاقىرىپ، ياشانغانلارنى «توختىماي سېتىۋېلىش»قا ئازدۇردى.

   بۇ خىل يېڭى ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنىڭ بارلىققا كېلىشى ياشانغانلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى يۇقىرى باھادا سېتىلىدۇ، ئۈنۈمىمۇ مۇبالىغە قىلىنىدۇ، ھەتتا ھەممە كېسەلنى داۋالىيالايدىغان خىسلەتلىك دورا، دەپ ماختاپ ئۇچۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار، ھەتتا ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ماھىيەتلىك ياردىمى يوق. بەزى ياشانغانلارنىڭ داۋالاش ۋە ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش بىلىمى كەمچىل بولغاچقا، ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ، بىر مۇنچە پۇلنى خەجلەيدۇ، ئەمما ھەممىسى بىكارغا كېتىدۇ.

   بۇ خىل يېڭى ئالدامچىلىق ئۇسۇلىغا قارىتا، ياشانغانلار ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، باشقىلار دەۋاتقان ھەقسىز ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئاتالمىش پاراۋانلىققا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. «تونۇش-بىلىشلەر مال سېتىش»قا يولۇققاندا، پەرزەنتلىرى بىلەن كۆپرەك مەسلىھەتلىشىپ، قارىغۇلارچە تاۋار سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، مەھەللە، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ياشانغانلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقى قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك.

   نۇرغۇن ياشانغانلار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقىدۇ، ئۇلار ساغلاملىققا ئىنتىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ، جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرىگە ئېرىشىشى، ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىدىكىلەر ياشانغانلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەمراھ بولۇشى كېرەك. بەزى ياشانغانلار ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ زور ئاساسىي سەۋەبى شۇكى، ئۇلار بىر قەدەر تەنھا، جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئالماشتۇرۇشى كەمچىل. شۇڭا، ئائىلىدىكىلەر ياشانغانلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئويىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشىگە، ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.

   ياشانغانلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقىنىڭ يېڭى تۈرلىرى پەيدا بولدى، ئەمما، يەنىلا كونا مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈردى. كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كۈتۈنۈش ساھەسىدىكى ئالدامچىلىق ھادىسىلىرىدىن ساقلانغاندىلا، ئاندىن ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئۇلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.